欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某交通肇事案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)510-نۇمۇرلۇق

     ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋابكار ئاxx ،ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش،كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221995 ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، يۇرتى:xx ناھىيىسى.كېپىلگە بىرلىشتىن ئىلگىرى: xx ناھىيە xx بازار xx كەنتى xx-گورۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق.دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019- يىلى 12–ئاينىڭ 13-كۈنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلىكىگە بېرىلگەن. 

     ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى(2020) 427-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ئاxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 02:30لەر ئەتراپىدا 新xxxxx نۇمۇرلۇق تىراكتۇرنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئاقسۇ xx ناھىيىسى xx يېزىسى xx-كەنت xx-گورۇپ ئالدىدىكى يول بۈلىكىدە، شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ xxxلىنىيىنىڭ 4 كىلومىتىر 850 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە،ئالدى تەرەپتىكى يول بۇيىدا مەس ھالەتتە (ۋىنا تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى 226مىللىگىرام/100مىللىلىتىر) زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالغان تۇxxىنى سوقۇۋەتكەن. تۇxx نەق مەيداندا قازا قىلغان.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكىلىق باھالاش پىكىرنامىسىدە «جەسەتنىڭ سىرىتقى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغاندا،قازا قىلغۇچى تۇxx قاتناش ھادىسى سەۋەپلىك باش مىڭە قىسمى ئېغىر زەخمىلنىپ،جىددى خاراكتىرلىك ئوتتۇرا تۈگۈنلۈك نەپەس سېستىمىسى ئاجىزلىشىپ ھەم يارلىنىش خاراكتىرلىك قانسىراپ شۈك بۇلۇپ قازا قىلغان» دىيىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىدا« A تەرەپ: ئاxx بۇ ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. Bتەرەپ: تۇxxبۇ ھادىسىنىڭ قۇشۇمچە مەسۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ»دىيىلگەن.

    يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسى ۋە رازۋېتكا خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلمىسىگە خىلاپ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تۇلۇق،جاۋابكار ئاxxنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىگە ئىقرار بۇلۇپ،جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولغان قىلمىشى »جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئاxxغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، جازاسىنى كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىشقا ھۈكۈم قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش: ئەنۋەر ئەمەت

                     2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

 ئىزاھات: 1 .جاۋابكار كېپىلگە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

2.8 نۇسقا ئەيىپنامە،ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى،2دانە نۇر دېسكا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top