欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某交通肇事案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ئە چىقىش (2019) 96- نومۇرلۇق

پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئا** ، ئەر،ئويغۇر19**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى، 65212219******053Xپىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىت *-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قۇرودا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسز ئۇتتۇرا مەكتەپ سەۋيىسىگە ئىگە ، ئىلگىرى جازالانمىغان ، دېھقان، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇختتىپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان.

پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار ئا**نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتۇق.جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۈۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئىنىقلاپ چىقتى:

2019- يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 18دىن 34مىنۇت ئۆتكەندە جاۋابكار ئا** مەست ھالەتتە 新K3** نۇمۇرلۇق <<**>> ماركىلىق كىچىك تىپىلىق يولۇچىلار ماشسنى ھەيدەپ غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپپا**-نۇمۇرلۇق دىلو مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق مە**نىڭ ئىشكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان مە**، خە** بىلەن سۇقۇلغان ، نەتىجىدە مە** قازا قىلىپ خە** يارلىنىپ ، قاتناش ۋاستلىرى زىيانغا ئۇچىراشتەك قاتناش ھادسسنى سادىر قىلغان

پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانسىنىڭ (2019)**-نۇمۇرلۇق قانون دوختۇرنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا:”بۇ ۋەقەدە قازا قىلغۇچى مە**قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ زەربىسىدىن مىڭىسى يىپىقسىمان رەخمىلىنىپ ئۆلگەن “ دەپ يەكۈن چىقارغان.

پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش ساقچى چوڭ ئىترىتىنىڭ(2019) **–نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« بۇ ھادىسىدە ماشىنا ھەيدىگۈچى ئا**ھادىسىنىڭ پۈتۈن مەسئولىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،بۇ مە** بىلەن خە**نىڭ ھادىستە مەسئولىيتى يوق» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 5.نەق مەيدان سۈرەتلىرى؛6 .باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئالىم ئابلىز ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئا** دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورۇتنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھادىستە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تۇلۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانون بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋاپكار ئا**نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تىگىشلىك. جاۋابكار ئا** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئا**غا 1 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋابكار ئا**نىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2019- يىلى 12- ئاينىڭ27- كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋاپكار ئا**ھازىر پىچان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

2. دىلو ئارخىپى ج خ توپلىمى 2 توپلام، تەپتىش توپلىمى 1 توپلام، ئەيىپنامە 18نۇسخا بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۆۋىنامىسى» بىر پارچە، مە**، خە** قاتارلىقلارنىڭ جىنايى ئىشلار ھەق- تەلەپ ئەرىزنامىسى جەمئى 6 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top