欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某伪造国家证件罪案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

      ق ت ج ئەيىبلەش 105[2020] - نومۇرلۇق

 قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 جاۋابكار ھانامەلۇم، ئەر ، -1998يىلى -**ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:65282619********، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، قاراشەھەر ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق،مۇقۇم كەسپى يوق، جاۋابكار ھانامەلۇم-2019 يىلى -12ئاينىڭ 25-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن  دۆلەت گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن شۇ كۈنى قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.  ھازىر باغراش ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

جاۋابكار ھانامەلۇمنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كىنىشكە گۇۋاھنامىللىرىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۇنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 3-ئاينىڭ 30-كۇنى جاۋابكار بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىك دەۋا ھوقوقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيدۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى پاكىت ئوچۇق ئەمەس دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتا قۇبۇل قىلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى  پاكىت ئوچۇق ئەمەس، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ 2-قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇلغان، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قايتا قۇبۇل قىلغان،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۇرۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە: 

   1) جاۋابكار ھانامەلۇم 2019-يىلى 02-ئاي مەزگىلىدە ،ئاقسۇ ۋېلايىتى كۇچا ناھىيسى لىخۇا شىركىتىگە تەرەكتۇر ھەيدىگىلى بارغان،لىخۇا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى يوقلار تەرەكتۇر ھەيدىسە بولمايدۇ دىگەندىن كىيىن، جاۋابكار ھانامەلۇم 2016-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە توردا تۇنۇشۇپ قالغان، توردا ساختا كېنىشكە بىجىرىدىغان توردىشى(سالاھىيىتى ئىنىق ئەمەس)بىلەن چ چ دىتالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ،ھەربىر تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشىكسنى1300يۇەندىن ياسىتىدىغانلىقىنى دىيىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە مەۋنامەلۇم نىڭ كىملىك، بىر سۇڭلۇق سۆرىتى ،2600 يۈەن پۇلنى يوللاپ بىرىپ ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشىكسى ياساتقۇزغان، جاۋابكار ھانامەلۇم لىخۇا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئارقىلىق تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان،ئارقىدىن لىخۇا شىركىتىنىڭ ئارخىپىغا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى بار دەپ تىزىملىتىپ قۇيۇپ ياساتقان ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ئىشلىتىپ تەرەكتۇر ھەيدىگەن، ئارقىدىن لىخۇا شىركىتىدىكى گاۋنامەلۇم نىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن لىخۇا شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان ئانامەلۇم  ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى بىجىرىپ بىرىش ئۈچۈن گاۋنامەلۇم  ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن 1500يۇەن پۇل، ئانامەلۇم نىڭ كىملىكى،بىر سۇڭلۇق سۆرىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ 1500يۇەن پۇلدىن 200يۇەن پايدا ئايرىۋېلىپ  1300يۇەن پۇل بىلەن ئانامەلۇم نىڭ كىملىكى،سۆرىتىنى توردىشىغا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن، ھەپتىدىن كىيىن ئانامەلۇم  ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. 

2)جاۋابكار ھانامەلۇم 2019-يىلى 06-ئاي مەزگىلىدە، قاراشەھەر ناھىيسىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،قاراشەھەر ناھىيسى  ۋۇخاۋچۈ يېزىسى ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق يانامەلۇمقا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بېرىش ئۈچۈن،يانامەلۇمنىڭ كىملىك،بىر سۇڭلۇق سۆرىتى،1200يۇەن پۇلنى ئېلىپ،200يۇەن پۇلنى پايدا ئايرىۋېلىپ،1000يۇەن پۇل بىلەن يانامەلۇمقا ساختا تىرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بەرگەن،ئارقىدىن قاراشەھەر ناھىيە ** يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانامەلۇم،مەنامەلۇمدىن تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكسى ياسىتىپ بېرىش ئۈچۈن 1300يۇەندىن پۇل،كىملىك، بىر سۇڭلۇق سۆرىتى قاتارلىق ماتىريالىنى ئېلىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ 1300يۇەن پۇلىدىن 200يۇەن پۇلنى پايدا ئايرىۋېلىپ ،1100يۇەندىن ساختا تىرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بەرگەن.

   3)جاۋابكار ھانامەلۇم 2019-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە ئانامەلۇمغا ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئانامەلۇمننىڭ بىر سۇڭلۇق سۆرىتى،كىملىكىنىڭ سۆرىتى، 700يۇەن پۇل ئېلىپ ،ئانامەلۇمغا ساختا تىرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بەرگەن،تۇنامەلۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن باغراش ناھىيسى ** يېزىسى ** كەنتى 5-گۇرۇپ 42-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق تۇرنامەلۇمگە ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بېرىش ئۈچۈن تۇنامەلۇمدىن تۇرنامەلۇمنىڭ تىرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسى ئۈچۈن 1200 يۈەن پۇل ئېلىپ 200يۇەن پۇلنى پايدا ئايرىۋېلىپ، 1000 يۈەنگە ساختا تەرەكتۇر ھەيدەش كېىنشىكىسى ياسىتىپ بەرگەن، بۇ كېنىشكە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قاراشەھەر ناھىيە نۇرلۇق يۇلى شۈنفېڭ تېز يوللانمىسا كەلگەن ۋاقتىدا قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىنغان. 

 يۇقارقى تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكسنى ھانامەلۇم، مەنامەلۇم،يانامەلۇم،ئانامەلۇم،تۇرنامەلۇم،ئانامەلۇم، ئانامەلۇم قاتارلىقلارنىڭ قۇلىدىن قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىنىپ، قاراشەھەر ناھىيلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە يۇقارقى مەنامەلۇم،ھانامەلۇم،ئانامەلۇم،يانامەلۇم،تۇرنامەلۇم،ئانامەلۇم  قاتارلىقلارنىڭ تەرەكتۇر ھەيدەش كېنىشكىسىنىڭ ئارخىپى يوق،ساختا كېنىشكە دەپ بېكىتىلگەن.

4) 2019-يىلى 08-ئايلار مەزگىلىدە ،رىنامەلۇم قاراشەھەر ناھىيە ئەندا سودا ساريىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلەتقان ۋاقىتىدا،ئەندا سودا سارىيى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەندا سودا سارىيىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ئىشىچى خىزمەتچىلەرگە «ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى بىجىرىڭلا،ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامەڭلا بولمىسا بۇنىڭدىن كىيىن ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلىيەلمەيسىلەر»دىگەندىن كىيىن،رىنامەلۇم ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى قاراشەھەر ئۇچۇر توپىغا ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى بىجىرىدىغانلار بارمۇ دەپ يوللىغان، يانامەلۇم، رىنامەلۇمنىڭ قاراشەھەر ئۇچۇر توپىغا يوللىغان ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن،يانامەلۇم رىنامەلۇمغا جاۋابكار ھانامەلۇمنىڭ ئۈندىدارىنىڭ ئىسىم كارتىسىنى يوللاپ بەرگەن، رىنامەلۇم ھانامەلۇم بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ، رىنامەلۇم ئۆزىنىڭ ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى بىجىرىش خىيالى بارلىقىنى دىگەن،جاۋابكار ھانامەلۇم«مەن ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنى بىجىرەلەيمەن »دىگەن، ئارقىدىن رىنامەلۇم ئەندا سودا سارىيىدا بىللە ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن خىزمەتدىشى رېنامەلۇمغا « مەن ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى بىجىرىدىغان ئادەم تاپتىم»دىگەندىن كىيىن رېنامەلۇم «ئۇنداق بولسا مەن بىجىرىمەن »دەپ رىنامەلۇمنىڭ ئۈندىدارىغا ئۆزىنىڭ كىملىكى،900يۇەن پۇل،ئۆزىنىڭ بىر سۇڭلۇق سۆرىتىنى يوللاپ بەرگەندىن كىيىن، رىنامەلۇم جاۋابكار ھانامەلۇمنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، جاۋابكار ھانامەلۇم رېنامەلۇمنىڭ كىملىك،بىرسۇڭلۇق سۆرىتى،900يۇەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،ئۆزى 300يۇەن پۇلنى پايدا ئايرىۋېلىپ،ئېشىپ قالغان 600يۇەن پۇل بىلەن رېنامەلۇمنىڭ كىملىكى،بىر سۇڭلۇق سۆرىتىنى ساختا كېنىشكە ياسايدىغان توردىشىغا يوللاپ بەرگەن، تۆت كۈندىن كىيىن شۈنفېڭ تېز يولانمىسى ئارقىلىق رېنامەلۇمنىڭ ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنى تېز يولانمىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ساختا ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنى رىنامەلۇمغا بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن رىنامەلۇم جاۋابكار ھانامەلۇمغا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئۆزىنىڭ ھەم رېنامەلۇم،قۇنامەلۇم،مانامەلۇم،سۇيەنپىڭ،جىياڭ شىيۇۋخۇا،جىياڭ يۈنلۇڭ،بەيچىڭ فېي، مانامەلۇم، مانامەلۇم، ئانامەلۇم(مۇڭغۇل)  قاتارلىق ئادەمنىڭ پۇلىنى ۋە ماتىرياللىرىنى ئېلىپ ھانامەلۇمغا يوللاپ بەرگەن، ھانامەلۇم يۇقارقىلارغا  11دانە ساختا ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى ياسىتىپ بەرگەن،جاۋابكار ھانامەلۇم يۇقارقى ھەربىر ئادەمنىڭ ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسى بىجىرىش ھەققى ئۈچۈن 928يۇەندىن پۇل يىغىپ 300يۇەندىن پۇلنى پايدا ئايرىۋالغان.

  5)جاۋابكار ھانامەلۇم مانامەلۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مىنامەلۇم، دۇنامەلۇم، دۇنامەلۇم، مانامەلۇم، قاتارلىقلاردىن ئامانلىق گۇۋاھنامىسى بىجىرىش ھەققى ئۈچۈن ھەربىر ئادەمدىن  875 يۈەن دىن پۇل ئېلىپ پايدا ئايرىۋالغاندىن كىيىن  مىنامەلۇم، دۇنامەلۇم، دۇنامەلۇم، مانامەلۇم، قاتارلىقلارغا ساختا ئامانلىق ساقلىغۇچىلىق كېنىشكىسى ياسىتىپ بەرگەن. 

يۇقارقى 15 دانە ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنى قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى باھالىتىش ئېلىپ بارغان، بولۇپ يۇقارقى ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنىڭ ئۈستىدىكى تامغا«بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامسىنى باشقۇرۇش مەخسۇس تامغىسى»دىكى  باسمىسى بىلەن ئەسلىدىكى نۇسخىسدىكى باسمىسى  ئوخشاش بىر تامغا ئەمەس، تەكشۈرۈش ماتىريالىدىكى ئامانلىق ساقلاش گۇۋاھنامىسى ياساتقان گۇۋاھنامە دەپ باھالانغان.

    6)جاۋابكار ھانامەلۇم 2019-يىلى 09-ئايلار مەزگىلىدە، لىخۇا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان گاۋ نامەلۇم ئۆزىنىڭ ئۈندىداردا ھانامەلۇمنىڭ ئۈندىدارغا ۋۇنامەلۇم،مۇنامەلۇم،يۈنامەلۇم قاتارلىقلارغاC1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى ياسىتىش ئۈچۈن ۋۇنامەلۇم،مۇنامەلۇم،يۈنامەلۇم قاتارلىقلارنىڭ كىملىكى،3500يۇەندىن پۇل،بىر سۇڭلۇق سۆرىتى قاتارلىق ماتىريالنى يوللاپ بەرگەندىن كىيىن ،جاۋابكار ھانامەلۇم ھەربىر شوپۇرلۇق پىراۋىسدىن 500يۇەندىن پايدا ئايرىۋېلىپ ،قالغان 9000يۇەن پۇلنى ساختا كېنىشكە ياسايدىغان توردىشىغا ئۈندىدار ئارقىلىق،يوللاپ بىرىپ ساختا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنىشكىسى ياسىتىپ بەرگەن. ۋۇنامەلۇم،مۇنامەلۇم،يۈنامەلۇم قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرى جاۋابكار ھانامەلۇمنىڭ يېنىدىن قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغان،نەتىجىىدە ۋۇنامەلۇم،مۇنامەلۇم،يۈنامەلۇم قاتارلىقلارنىڭ نامىدىكى C1شوپۇرلۇق پىراۋىسى ساختا شوپۇرلۇق  پىراۋىسى دەپ بېكىتىلگەن. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، ماددى ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ. 

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ھانامەلۇم پايدا تېپىش مەخىستىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كېنىشكە-گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 280-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كېنىشكە-گۇۋاھنامىللىرىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. شۇڭا جاۋابكار ھانامەلۇمنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش : ياسىنجان ئىمىن 

پۈتۈكچى: مەردان ئۆمەر

  2020- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۇنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top