شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020)758 –نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئاXX، ئەر،ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6528012001، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئېگە، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن :كورلا شەھەر ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنى 2-بىنا 4-كورپوس 601-نۇمۇر . 2019-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . ھازىر ئائىلىسدە .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9 - ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 02دىن 35مىنۇتلار ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ئاXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز 新M·***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى كورلا شەھەر تارىم قوماندانلىق غەربى يولىدا غەرىپتىن –شەرىققە ھەيدەپ، تىيەن يۈن سارىيى ئالدى يول بۆلىكىدە ئارقىغا بۇرۇلۇش جەريانىدا ، شۇ خاۋ ياڭ ھەيدىگەن 新M·***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سۇقۇلغان . ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار نەق مەيداننى ساقلىماي قېچىپ كەتكەن . نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزىلىشىدەك قاتناش ھادىسى سادىر بولغان .
شىنجاڭ جۇڭ شىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 4415-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا ئاXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا 176 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى (2019) 296455- نۇمۇرلۇق قاتناش ۋەقەسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ،ئاXX بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئاXX دىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئاXX قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ، مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇن 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى 9- ئاينىڭ 12-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论