شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوشۇت ناھىيەلىك
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
خ ت 1-بۈلۈم ج ئەيىبلەش(2020) 6-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر ، كىملىك نومۇرى: 6528281986******** ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، سىياسى قىياپىتى ئامما ، كەسپى : دېھقان، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى **-ئەترەت **-نۇمۇر. جاۋابكار ئا** خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، كىيىن زەھەر خۇمارى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىلغان ، مۇددىتى 2 يىل (2017-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىدىن2019-يىلى12-ئاينىڭ03-كۈنىگىچە).2019-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى خوشۇت ناھيلىك ج خ ئىدارسى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا ئۆزگەرتكەن، ھازىر ئائىلسىدە .
جاۋابكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەشجىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە،خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. ھەمدە جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلش كەلتۈرۈپ چىقردىغان قانۇن ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ،دېلونىڭ بارلىق ماتىريالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردۇق.جاۋابكارمۇ تېز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىگە قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمزدە:
جاۋابكار ئا** 2017- يىلى 09 - ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 12 لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ** بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن سائەت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە *****新M نومۇرلۇق تاختا ئاسقان ئىككى چاقلىق موتسكلىتنى مىنىپ غەرىپتىن - شەرىق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ ** دېھقانچىلىق مەيدانى **-ئەترەت ** كومىتىتى ئالدىدىكى يولغا كەلگەندە يولدا چارلاش ۋەزىپىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان خوشۇت ناھىيەلىك قاتناش ساقچى ئەترىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپرىنىڭ مىقدارى 100mL mg/153دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىنىشى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ،جاۋابكارمۇ ئۆز قىلمىشىغا ئىقرار،بىكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋابكار ئا**نىڭ يول قاتناش قائىدىسگە رىئايە قىلماي،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددا1-تارمىقىنىڭ بەلگلمسىگە خىلاپ بۇلۇپ،خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جىنايەت پاكىتى ئېىنىق،دەلىل ئىسپات تۇلۇق ،جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىىزلەرگە ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە
تەپتىش: غېنى رېھىم
2020- يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى
قوشۇمچە:
(1).جاۋابكارھازىر ئائىلىسىدە .
(2).خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ماتېرىيالى(جەمئىي ئىككى توپلام بەت) 10پارچە ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(3).جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلش ئىتراپنامسىدىن بىر نۇسخا.
(4).دەلىل-ئىسپات كۆرستىش تېزسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论