شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساۋەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەش نامىسى
ش س ت ج ئەيىپلەش [2020] 79 - نومۇر
جاۋاپكار ***، ئەر، ئۇيغۇر، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۇنى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0612********654223، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى * بازىرى * كەنتى *- كوچا *- نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: يۇقارقى بىلەن ئوخشاش، كەسپى: دېھقان. 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۇنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۇنى كىپىلدىن بوشىغان، ھازىر جەمئىيەتتە.
جاۋاپكار *** نىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قانۇنغا خىلاپ ھەركىتى: 1993- يىلى 6- ئايدا قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن ساۋەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۇم قىلىنىپ، 1996- يىلى 7- ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ جەمئىيەتكە قويۇپ بىرىلگەن.
ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار *** نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۇنى جاۋاپكار *** گە ئۆزىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش ئېھتىمالىقىغا بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتچى ئادۇۋكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتېرياللىرىنى تەكشۇرۇپ ئاياقلاشتۇردۇق. جاۋاپكار *** دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق: 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۇنى سائەت 21 دىن 25 مىنوت ئۆتكەندە جاۋاپكار *** ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ *****新A نومۇرلۇق، كۆك رەڭلىك، بىيك ماركىلىق ئاپتۇموبىلنى ساۋەن ناھىيىسى ** يولى *** رايونى ** ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشينا توختىتىش مەيداندا كەينىگە چىكىندۇرۇش جەرياندا *** ھەيدىگەن ****新G نومۇرلۇق ماشينا بىلەن يىنىك دەرىجىدە سوقۇلۇپ، قاتناش ۋاستىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ نەق مەيداندا ساقچىلارغا تۇتۇلغان.
1. شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] زەھەر تەكشۇرۇش 0704- نومۇرلۇق ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: جاۋاپكار *** نىڭ ھەر يۇز مىلليلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدا 199.76 مىللىيگىرام ئىسپىرتى بايقالغان.
2. ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2019) 003- نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە: جاۋاپكار *** بۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە بارلىق جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگە ئالىدۇ، *** دا جاۋاپكارلىق يوق دەپ تۇراقلاندۇرغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تۆۋەندىكىچە: يازمىچە دەلىل- ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكار *** نىڭ ئۆزىنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرنامىلىرى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، ئۈن- سىن پىلاستىنكا ماتىرياللىرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق تۇراقلاندۇرۇشقا بولىدۇ.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپات توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە يىتىدۇ. جاۋاپكار *** ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتقا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار *** نىڭ يول قاتناش باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ يولدا ماتورلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بۇ ھەركىتى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133- ماددا بۆلەك 1- تارمىقىغا خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار *** نىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتۇرۇلۇش كېرەك. جاۋاپكار *** ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالىغا قاراپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى ئېتىراپ قىلىش قوللىنىپ يېنىك جازا ئۆلچەندى، شۇڭلاشقا جاۋاپكار *** نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايىتىگە 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى يەنە قوشۇمچە 8000 يۇەن شتراف بىرىش كېرەك دەپ پىكىر قىلىمىز، << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن >> نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىغا ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلەشكە يوللىدۇق، قانۇن بويىچە جازالىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شينجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: جانيگۇل
2020- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۇنى
قوشۇمچە :
1. جاۋاپكار *** ھازىر جەمئىيەتتە، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 1081****182
2. ئىككى توم دېلو ۋە ئۇچ دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى
3. <<جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخەت يازمىسى >> دىن بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
4. سەككىز پارچە ئەيىپلەشنامە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论