温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕616号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ج ئى چىقىش ( 2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار ئاxxxx، ئەر، ئۇيغۇر،xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxxx 652922دېھقان، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە xxxx بازار xxxx كەنت x-مەھەللە xxx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان، ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋپكار ئاxxxxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ،قىلمىشنى ئىقرا قىلسا، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكارنىڭ ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋبكار تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاxxxx 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 01دىن 20 مىنۇت ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新Nxxxxنومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە تxxxx بازار تۆۋەنكى xxx كەنت يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان xxxx ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسدە جاۋابكار ئاxxxxىڭ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبى mg/100ml123.89 دەپ يەكۈن چىقرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋالىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلىگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئاxxxxىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسگە ئاساسەن يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشى ئۈچۈن، جاۋابكار ئاxxxxنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ ب1تارمىقى بەلگۈلىمە بويىچە جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش :پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى،بىر نۇسقا تېز تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار xxxxx ھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى:xxxxxxxxx
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论