شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 896 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار : ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65212219******1410، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنىت 3- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،** خىزمەتچىسى ، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكارغا جىنايىتى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق ، جاۋاپكار مەزكۇر دىلوغا ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئىچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 03 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار ئاXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新K**F نومۇرلۇق « ** » ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ جەنۇپتىن- شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ** ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماشىنىسىنى توختىتىپ قويۇش ئۈچۈن، شىمالدىن- جەنۇپقا قاراپ كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا، جاXX ھەيدەپ توختىتىپ قويغان 新A**03 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يولوچىلار ماشىنىسى ۋە بەXX ھەيدەپ توختىتىپ قويغان 新K**D نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلغان، نەتىجىدە ئادەم يارلانماي قاتناش ۋاستىللىرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسسىنى سادىر قىلغان. جاۋاپكار ئاXX ھادىسسە سادىر قىلىپ نەق- مەيداندىن ئايرىلغاندىن كىيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
شىنجاڭ «خۇاتوڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 5212- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : ئابدۇسالام ھىمىتتىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 128.62 دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، جاۋاپكار ئاXXىڭ ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئاXX دۆلەتنىڭ قاتناش - تىرانسىپورۇتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ يۈل يۈرگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ۋە تولۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋاپكار ئاXXجىنايىتىنى تونۇپ بىرىلىدىغان جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جاۋاپكار ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يىنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXXقا 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش، جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بىرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلە.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020 يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار ئاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى:1502***
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论