博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕212号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 212 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئا** ،ئەر، ئۇيغۇر، 1979-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6502011979********، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، خىزمەت ئورنى: بورتالا شەھەرلىك ** ئىدارىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **- بىنا **- كورپۇس **- ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەر ** يولى **- نۇمۇر، 2020-يىلى10-ئاينىڭ 28-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى11- ئاينىڭ17- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى (2020) 180- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئا**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2020- يىلى10- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت10:35 لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ئا** ھاراق ئىچىپ新E-***** نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتو سىكىلىتنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر بېيجىڭ يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ جىڭ يولى بىلەن بىيجىڭ يولى كىسىشكەن يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، بورتالا ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى پاكىت باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىدا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ئا**نىڭ ۋىنا قېنىدىن ئىسپىرىت تەركىبى بايقالغان، مىقتارى: 85.665mg/100ml بولۇپ، مەس ھەلەتكە تەۋە.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى11-ئاينىڭ27-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاچىلار تىزىملىكى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论