和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2020〕**号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) **-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئا**،ئەر،ئۇيغۇر،1977-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ******** 6501031977،مەدەنىيەت سەۋيىسى: تۇلۇق كۇرۇس ،كەسپى:كەسپى شتاتلىق كادىر(** بازىرى يېزا ئىگلىك تېخنىكسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى) ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن:شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى **-پولىك ** غەربى يۇلى ** كۇرپۇس **-نۇمۇر ،2019-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايىك ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019-يىلى1-ئاينىڭ26-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى **-پولىك ** غەربى يۇلى **كۇرپۇس **-نۇمۇر.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار ئا**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى،ئارىلقتا دىلو بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھىققلەشكە قايتۇرۇلدى،دىلونىڭ ئەيىبلەش سۈرۈكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى. جاۋابكار ئا** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1)جاۋابكار ئا**2018-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ** ناھىيە** كۆلى **يۇلىدىكى ** كاپخانىسدا تۇنۇشى ق**،ق**نىڭ يەنە بىر دوستى قاتارلىق بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، سورۇن تارقاپ سائەت 23:35 لار ئەتراپىدا،ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمۇبىلنى جەنۇپ –شىمال يۆلىنىشدە ھەيدەپ ،**ناھيىسى ** يۇلى بىلەن** يۇلى كېسىشمە يول ئىغىزىغا كەلگەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ قىلىپ قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىگە تاپشۇرۇپ بىرلگەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش ***نۇمۇرلۇق باھالاش پىكرىدە جاۋابكار ئا**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 290 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكارئا**نىڭ قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راسىت.جاۋابكار ئا**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا جاۋابكار ئا**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەخمەت رۇزى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ9-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ئا** مەھكىمىزتەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى **-پولىك ** غەربى يۇلى ** كۇرپۇس **-نۇمۇر.ئالاقىلشش نۇمۇرى
2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
4) جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论