欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶案)_焉耆县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

焉耆县人民检察院 

起 诉 书

焉检一部刑诉〔2020〕57号 

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                  ق ت ج ئەيىبلەش[2020] 57 -نومۇرلۇق

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئانامەلۇم، ئەر،1977-يىلى XX-ئاينىڭXX-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528261977XXXXXXXX ,ئۇيغۇر،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئىشچى، نوپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيە XX يېزا XX كەنت 1-گۇرۇپ61-نۇمۇرلۇق قورۇ.  2020-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلكتە تۇرىۋاتىدۇ.

جاۋابكار ئانامەلۇم خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 6 -ئاينىڭ  10-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار  مەزكۇر دېلودا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

جاۋابكار ئانامەلۇم 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 9:58 لار ئەتىراپىدا قاراشەھەر ناھىيە ھۆكۈمەت يولى ناھىيلىك ھۆكۈمەت ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايونى ئالدى ئىشك يول بۆلىكىدە، جاۋابكار ئانامەلۇم ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتتە نۇمۇر تاختىسى يوق تەرەكتۇرنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ماڭغاندا، ۋىي نامەلۇم ھەيدىگەن  新M-CC918نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىموبىل بىلەن سۇقۇشۇپ ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسىى سادىر بولغان.

  شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە جاۋابكار ئانامەلۇمنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدە  198مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتىشكە بولىدۇ. 

يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارئانامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئانامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارماقچىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 

شۇاڭا جاۋابكار ئانامەلۇمنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن

  2020 -يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

قوشۇمچە:

(1) جاۋابكار ئانامەلۇم ئائىلىسىدە كىپىلدە. (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.

 (3) كېپىللىك خېتى بىر پارچە. 

(4) ئوپتېك دېسكا بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top