شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)43-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3216 **652901، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ** شەھىرىدىن ، ** شەھەر ** يېزا ** كەنت **- گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018 - يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2019-يىل10-ئاينىڭ 9-كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىقى ئۈچۈن، كېپىللىكتىن بىكار قىلىنىپ 2019-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئا**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2018) 149-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :
جاۋابكار ئا** 2018- يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23 ئەتراپىدا ، شايار ناھىيە بازار كەھرىۋا تىز تاماقخانىسىدا ئابلا ھىلەك، ھەسەن ساۋۇت، ئالىم تۇنىياز، ئاقنىياز مامۇت قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ چىقىپ، شۇ ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانىغا ئۇرۇنلۇشۇپ بۇلۇپ، مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 60445新Nنۇمۇرلۇق ماشىننى ئۈزى يالغۇز پىراۋىلىق ھەيدەپ، جەنۇپتىن شىمالغا يۈنىلىش بۇيىچە مېڭىپ، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى مەھەللە تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ ئۇرۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار ئا** ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئا**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنى بايقاپ، توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018)862-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئا**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 185مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6مىڭ يۈەن ئشىتراپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论