欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶罪案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

且末县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

 چ ت ئە (2020)  54  -نومۇرلۇق

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئا***، ئەر، ئۇيغۇر، 1984- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، (كىملىك نۇمۇرى: ********6528251984)، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، پارتىيە ئەزاسى، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى چەرچەن ناھىيە ****جەنۇبى يولى****- كوچا **- نومۇرلۇق قورو، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىللكە بېرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان

چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا***نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن›› جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن ‹‹نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ھەمدە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار  ئا***  دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار ئا***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

جاۋاپكار ئا***، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 09- كۈنى كەچ سائەت 21:30 لار ئەتراپىدا، دوستى خ*** (فامىلىسنى ئېنىق ئەمەس ) بىلەن، چەرچەن ناھىيە **** سودا سارىيىنىڭ يېنىدىكى «لاۋخۇيمىن» ئاشخانىسىغا بېرىپ، جاۋاپكار ئا***، دوستى خ***( فامىلىسى ئېنىق ئەمەس ) قاتارلىقلار بىرگە ھاراق ئىچىپ، سائەت 00 دىن ئاشقاندا ھاراق سورۇندىن تاراپ قايتىپ چىقىپ، « لاۋخۇيمىن » ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتپ قۇيغان، ئۆزىنىڭ **** MN 新نۇمۇرلۇق خاۋجۆ ماركىلىق، قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش پىراۋۇسى يوق ئەھۋالدا مىنىپ، ئۆيىگە قايتىش ئۇچۇن مېڭىپ، چەرچەن بازىرى *** جەنۇبى يۇلى ****- كوچىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى كادىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن ****新MN نۇمۇرلۇق خاۋجۆ ماركىلىق، قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت بىلەن نەق مەيداندا  تۇتۇلغان .

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019] 7722- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش پىكرىدە:« جاۋاپكار ئا***نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىۋىدە 82.18 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار» دەپ ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان .

جاۋاپكار ئا ***نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :

دېلودىكى‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى،جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]7722-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان سۇئىتى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە

جاۋاپكار ئا***نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىنى ھەيدەش، پىراۋۇسى يوق تۇرۇقلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 133- ماددىسىنىڭ -1 تارمىغىدىكى بەلگۇلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق. » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ -15 ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار ئا***غا بىر يېرىم ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 3000 يۈەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى «نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.

تەپتىش:  قەمبەرنىسا ئەمەت

-2020 يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش :

1.جاۋاپكار ئا*** ئائىلىسدە كېپىلدە.

2.ئەيىپنامە 8 نۇسقا.

3. »جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرىشى « ۋە» جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى « بىر نۇسقا.

4.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top