شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 28-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1510 **652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ** ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئا**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 062-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ئا** 2020-يىل 01-ئاينىڭ 05-كۈنى سائەت 20:00دە، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار جىيامېي مال سېتىۋېلىش مەيدانىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئۆ** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، جىيامېي مال سېتىۋېلىش مەيدانىنىڭ ئالدىدىن تاكسىدا ئولتۇرۇپ تاشئېرىق يېزىلىق شىپاخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ شىپاخاننىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新N5W551 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ جەنۇبتىن شىمالغا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ تاشئېرىق بازار تاشئېرىق كەنت 3-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە يولنىڭ يېنىدىكى توك تۈۋرىكىگە سۇقۇلۇپ توك تۈۋرىكى بىلەن قاتناش ۋاستىسىدە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، ئاندىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تاشئېرىق ساقچىخاننىڭ ساقچىللىرى 110 قوماندانلىق مەركىزىگە توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا تاشئېرىق كەنت 3-گوروپ تەۋەسىدە قانتاش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدا دىلو مەلۇم قىلغان، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزى دىلو قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۇقتۇرغان، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئا**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 269- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ئا**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 169 مىللىگىرام» دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئا**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论