欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某故意伤害案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                 غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020) 77-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئا** ، ئەر،ئۇيغۇر، **-يىلى*-ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: ******، نوپۇسى ۋە دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن:غۇلجا ناھىيە  چۇلۇقاي يېزا *كەنىت يىڭى  مەھەللە يولى*-نۇمۇر ،ئىلگىرى سوتلىق بولمىغان .2019-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق.قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق ھەم پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى كىچە سائەت01لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئا** غۇلجا ناھىيە جىلىليۈزى بازىرىدا ھاراق ئىچىپ غۇلجا ناھىيە چۇلۇقاي يېزىدىكى ئۆيىگە كەتمەكچى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قۇ**نىڭ ماشىنىسىنى كىرا غۇلجا ناھىيە  چۇلۇقاي يېزا * كەنىتتىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قۇ**ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى،ماشىنىدىن چۈشۈپ كىتىشنى ئىيىتقان،جاۋابكار  ئا** ماشىناڭدىن چۈشمىسەم قانداق قىلىسەن دەپ ئۇرۇنسىز جىدەل قىلغان،قۇ** ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ئا** ماشىنىدىن چۈشۈپ قۇ**نىڭ يۈزىگە مۇش بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن.

غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىسپات تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ  ئادەم تېنى زەخمىسىنى باھالاش پىكىرىدە قۇ**نىڭ زەخمىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك يىنىڭ زەخمە دەپ باھالاپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

2.​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ؛

4.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

5.باھالاش پىكىرى؛

6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار ئا**نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قۇ**نىڭ يۈز قىسمىغا ئۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق ھەركىتى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 234-ماددا1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست ،قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. .شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: گۈلمىرە ئابدىغەنى  

 تەپتىش :ئەسئەت قۇربانجان

                        2020- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى

قوشۇمچە :

1.​ جاۋابكار  ئائىلىسىدە كىپىلدە .

2.​ 2. 8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى،،دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاس

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top