欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某故意杀人案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

كت ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕133- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئاx،ئەر،ئۇيغۇر،1988-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى : 6529231988**********، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، رىمونتچى، كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرغى: كۇچا ناھىيە *** بازار **** كەنىت **-گوروپپا ***- قورۇ، ئىلگىرى جازالانغان.

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ،كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 1 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىپ،جازاسىنى1 يىل 6 ئاي كىچىكتۈرۈپ سىناپ كۈرۈشكە ھۈكۈم قىلىنغان

2019- يىلى08- ئاينىڭ 27- كۈنى قەستەن قاتىللىق(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى9-ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕592- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋاپكار ئاxنىڭ قەستەن قاتىللىق(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى10-ئاينىڭ 7–كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. 2019- يىلى 11- ئاينىڭ6- كۈنى دىلو بېجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ20-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2019- يىلى12- ئاينىڭ20- كۈنى دىلو تۇلۇقلاپ قايتا يوللاندى. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار ئاx 2018-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى***ناھىيە **** يېزا **** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى رx بىلەن توي قىلغان. 2019- يىل 8- ئاينىڭ 20-كۈنى رxقاراشلىق ** ناھىيە ****بازىرى *** كەنتىدىن ئاxقا تېلفۇن قىلىپ، رxنىڭ قەيەردە، نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلىق ئەكىلىپ بىرىشنى دىگەن. ئەمما ئاx تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئىسپاتلىقنى ۋاقتىدا ئاپىرىپ بەرمىگەن. 2019-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى*** بازىرى *****كەنتىدىن ئاxنى كەنىتكە چاقىرتىپ « ئوقۇغۇچى بىلەن توي قىلغانلىقىنى تەنقىتلەپ، ئەتە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كىلىپ تەكشۈردىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىرۋەتكەن»ئاx كەنىتتىن يېنىپ چىققاندىن كىيىن سائەت 23:30 ئەتراپىدا، رxنى ئايلىنىپ كىلەيلى دەپ ئىككى چاقلىق توكسىكلىتقا مىندۈرۈپ *** بازىرى *** كەنىت تەۋەلىكىدىكى«قىزىل يولتۇز ئۆستىڭى»بۇيىغا ئېلىپ بېرىپ بىرەر سائەت پاراڭلاشقاندىن كىيىن كەتمەكچى بۇلۇپ، ئاx ئورنىدىن تۇرغاندا، رxنىڭ بېشى ئۆستەڭنىڭ قىرىغا چۈشۈپ كىتىپ، ئۆستەڭگە سىيرىلىپ كەتكەن، رx دەرھال ئاxنىڭ ياقىسىنى تۇتىۋالغان،ئاxمۇ رxنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تارتىپ چىقىرۋالغاندىن كىيىن كىيىملىرىدىكى توپىنى قېقىش جەريانىدا، ئاx«ئايالىم ئۈلۈپ كەتسە كەنىتتىكىلەرمۇ ئايالىم توغۇرلۇق مىنى ئىزلەپ ئاۋارە قىلمايدۇ» دەپ ئويلاپ، رxنى ئۆستەڭگە ئىتترۋېتىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىش مەقسىتىگە كىلىپ،ئۆستەڭگە قاراپ تۇرغان رxنىڭ غولىدىن ئىتتىرىپلا ئۆستەڭگە چۈشۈرۋەتكەن، رx ئۆستەڭدە ئېقىپ كىتىۋېتىپ يولدىشىدىن«ئاجىراشمايلى مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ»دەپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋاقىرغان. ئاx 20-30 مىتىرچە ئۆستەڭ ياقىلاپ يۈگۈرۇپ بېقىپ رxىنىڭ ئېقىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۇرۇپ ئارقىغا يېنىپ موتوسىكىلىتىنى مىنىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ كەتكەن. رx ئۆستەڭدە تەخمىنەن1000 مىتىرچە ئېقىپ ماڭغاندىن كىيىن، شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قۇتقۇزۋېلىنغان.

دىمەك، جاۋابكار ئاxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .

مەھكىمىمىز پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار ئاxقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 232- ماددا2-تارماق، 23-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىشكە تېگىشلىك . جاۋابكار ئاx جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ئاxقا مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپىنى بېرىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش :ئەنۋەر ئەخمەت 

2020-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار ئاx ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا . 

          2) بىر توپلام 134بەتلىك دېلو ماتېرىيالى ، 12نۇسخا ئەيىبلەشنامە،2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ،ئاددىي تەرتىپنى قۇللۇنۇش تەكلىپنامىسى ، جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top