欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某故意杀人案)_博乐市人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕109号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

         ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 109-نۇمۇرلۇق

    جاۋاپكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1981- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 6527011981********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىشلەمچى،  ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھىرى** بازىرى** كەنتى**يولى شىمالىي **-كوچا **-نومۇر ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن : بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى **ساقچىخانىسى ، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى،  قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايەت گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قويۇلغان ،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر  بورتالا  شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

     مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (2020) 67-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئا**نى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

    2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22 دە، جاۋاپكار ئا** كىچىك بالىسى پا**نى ئېلىپ ئاجىرشىپ كەتكەن ئالدىنقى ئايالى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، بورتالا شەھەر سۇلياۋ زاۋۇتى ئولتۇراق قوراسى **-نۇمۇر **-نومۇرلۇق ئىجارە ئۆيىگە بارغان. جاۋاپكار ئۆيدە ئولتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**غا ئۆزىنىڭ يارىشىپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان، د** رەت قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئا**ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4 تە، ئۆزى يالغۇز ماگىزىندىن سېتىۋالغان ھاراقنى ئىچىپ ،  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نىڭ ئۆيىگە قايتا بېرىپ ئۆيگە كىرىشنى ھەم شۇ يەردە قونۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. د** ئىشىكنى ئېچىپ جاۋاپكار ئا**نى ئۆيدە قوندۇرغان، جاۋاپكار ئا** ئۆيدە يېتىش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نىڭ كۆكسىنى سىلىغانلىقى ئۈچۈن د** جاۋاپكار ئا**نى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى ،بولمىسا ئۇنىڭ ئاپىسىغا تېلفون قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلىغان جاۋاپكار ئا** ئالدىن تەييارلاپ ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان پىچاقنى ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نى ئۆلتۈرىۋېتىش مەقسىتىدە د**نىڭ قورساق قىسمىغا بىر قېتىم پىچاق تىققان، بۇنى كۆرگەن د**نىڭ قىزى د** ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن، جاۋاپكار ئا** د**نىڭ كەينىدىن چىقىپ تاپالمىغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كىرىپ د**نىڭ قورساق قىسمىغا يەنە بىر قېتىم پىچاقنى تىقىپ ،پىچاقنى ئۈچىنچى قېتىم تىقماقچى بولغاندا د** قولى بىلەن پىچاقنى تۇتىۋالغان ھەم جاۋاپكار ئا**نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ جاۋاپكار ئا**نىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ ئۆيدىن چىقىپ قېچىپ كەتكەن، جاۋاپكار ئا** نەق مەيداندىن ئايرىلىپ دىلو سادىر قىلغان پىچاقنى نەق مەيداننىڭ شىمالى تەرىپىدىكى ئۆينىڭ ئۆگىزىسىگە تاشلىۋېتىپ پىيادە 5-دىۋىزىيە 84-تۈەن تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتكەن. 

   بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى تىخنىكىلىق باھالاش ئىشخانىسى  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نىڭ زەخمىسىگە قارىتا باھالاش ئىلىپ بارغان، باھالاش خۇلاسىسى بولسا:  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى د**نىڭ  زەخمىسى 2- دەرىجىلىك يىنىك زەخمە  بولۇپ باھالاپ بىكىتىپ چىقىلغان .   

    يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى، دىلو سادىر قىلىش قۇرالى، باھالاش دوكىلادى،  يازما ئىسپات، قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ يوقارقى قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 23- ماددىسى ۋە 232-ماددىسىغا ئاساسەن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا.

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام،  تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top