欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某涉嫌危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

  

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                                ك ش ت ج ئەيىپلەش (2021)  28-نۇمۇرلۇق  

     جاۋاپكار ئاxx (باشقا ئىسمى: سىxx)،ئەر،1993-يىلىxx -ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxx6528011993 ،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى xx باغۋەنچىلىك مەيدانى xx-مەيدان شىمالى xx-كوچا ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەرى xx-ئولتۇراق رايونى xx-بىنا xx-كورپۇس. 2020-يىل 01-ئاينىڭ12-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

     كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021-يىلى1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۇنى سائەت 03:58لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئاxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新Mxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر يېڭىشەھەر ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

     شىنجاڭ xx قاتناش ھادىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ( 2019 )xx-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا252.18 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،نەق مەيدان سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ئاxx ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئاxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ئاxx جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئىتراپ قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار ئاxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

      

                        كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                        

                                               تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

                                           2021-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top