شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى
يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ي ت 2-ب ئە (2020) 254-نومۇرلۇق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا **، ئەر، 1992-يىلى **ئاينىڭ **كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى:********6531211992، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى** كەنتى **گۇرۇپپا **نومۇر، ھازىر ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى ** رايون **بىنا **زال **نومۇر، ئىشسىز.
جاۋابكار ئا ** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى7-ئاينىڭ7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا **نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش، كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنىي ئاقىۋىتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
دېلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە مۇقىملاشتۇردۇق:
جاۋابكارئا ** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالدا **** 新Aنومۇرلۇق قارا رەڭلىك فوكۇس ماركىلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن كۆتۈرۈلمە كۆۋرۈكىدە شەرىقتىن غەرىبكە يۆنۈلۈشتە مېڭىپ، كۆۋرۈك شەرقىي يان يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ج خ ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئورنى ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ AJ0745-法毒鉴字第 [2020]نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش تەكشۈرۈش دوكلاتىدا جاۋابكار ئا **نىڭ ھەر ml 100قان تەركىۋىدە mg 82 ئىسپرت مىقدارى بار دەپ باھالىغان.
جاۋابكار ئا ** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىدى.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1.يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى، قان ئەۋرىشكىسى، سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇر تەكشۈرۈش جەدۋىلى، جاۋابكار ئا **نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى؛
1.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىش؛
1.شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئورنى ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ AJ0745-法毒鉴字第 [2020]نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
1.نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشى ۋە سۈرەتلەر؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكىت ۋە ھەقىقىي، پاكىتنى بىكىتىشكە بولىدۇ، جاۋابكار ئەيىبلەنگەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئا **نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالدا، شەھەر ئىچى تېز سۈرئەتلىك يولىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرىنجى مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك. جاۋابكار ئا ** ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ئا ** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار ئا **نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئېرپان ئەخمەت
كاتىپ: سۈرىيە پەرھات
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار كېپىلدە.
2. ئىككى توپلام ج خ دېلوسى بىرگە قوشۇپ يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论