شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)59-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئ**، ئەر، ئويغۇر،**ياش،19**-يىلى*- ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى********2034:652925، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان، توقسۇ ناھىيىسىدىن، توقسۇ ناھىيە ئ** يېزا ق**كەنىت*-گۇرۇپ 6-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئا**ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 48-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ئ** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 00:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا، توقسۇ ناھىيە ئ** يېزا قى**كەنىت ئ*-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ت**نىڭ ئويىدە ت**،ك**مى قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئىككى رومكا ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن،12-ئاينىڭ 11-كۇنى سائەت 1:10 ئوتكەن ئەتراپتا ت**نىڭ ئوينىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新ND4374 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ك**نى ئولتۇرغۇزۇپئوگەن يېزا غ**كەنىتكە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۇچۇن جەنۇپتىن شىمالغا يونىلىش بۇيىچە غولېرىق كەنىت مەھەللە كومتىتنىڭ ئالدىدىكى يول بولىكىگە كەلگەندە،شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئوگەن ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىللىرى 新ND4374 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئابلىز ھاشىمنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن،توقسۇ ناھىيە ئوگەن يېزىلىق شىپاخانىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9213- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ئ**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 126 مىللىگىرام» دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئ**منىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ . جاۋاپكار ئ**مغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 2000 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : گۇلەم تاش
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى3-ئاينىڭ 23-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论