欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某涉嫌故意伤害罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕395号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ          ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) –نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئايىنىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى 2016-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئىككى يىل مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا تۇرغان. 2019-يىلى 12-ئايىنىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئاxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈش مەزگىلىدەxx بازىرى 14-كەنىت ئۈزۈملىك بازىسىدا ھاراق ئىچكەن، ئاندىن سائەت 15:30 ئەتراپىدا ئۈزىنىڭ ئىككى چاقلىق سېرىق رەڭلىك موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ ئىش ئورنىغا مېڭىپ، ئۈزۈملىك بازىسىنىڭ سوغاق ساقلاش ئىسكىلاتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى سوقۇۋىتىپ، موتوسىكلىتنىڭ بىر تال كۆرۈش ئەينىكىنى چېقىۋەتكەن، بۇ چاغدا زىيانلانغۇچى ئىxx جاۋابكار ئاxxغا " موتوسىكىلىتىمنى ئوڭشۇتۇپ بىرىسەن' دىگەندە، جاۋابكار ئاxx "ھازىر ئوڭشۇتۇپ بىرەلمەيمەن، كەچتە ئوڭشۇتۇپ بىرىمەن' دىگەن. زىيانلانغۇچى ئىxx "ھازىر ئوڭشۇتۇپ بىرىسەن' دەپ، گۇماندارنىڭ موتوسىكلىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالغان. جاۋابكار ئاxx "ئاناڭنى...نىمىشقا مىنىڭ موتورۇمنىڭ ئاچىقۇچىنى ئېلىۋالسەن' دەپ، زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ ئالدىغا ماڭغاندا باشقىلار ئاجىرتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى ئىxx جاۋابكار ئاxxنىڭ موتوسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىپ ئىش ئورنىغا كەتكەن، جاۋابكار ئاxxمۇ ئىش ئورنىغا قايتىپ كىتىپ ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن موتوسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچىنى ئەكىلىش ئۈچۈن نەۋرە ئاكىسى مۇxxنىڭ توكسىلىتىغا مىنگىشىپ زىيانلانغۇچى ئىxx ئىش قىلىۋاتقان جايغا كىلىپ، زىيانلانغۇچى ئىxxگە "موتۇرۇمنىڭ ئاچقۇچىنى بىرە، جالاپنىڭ بالىسى' دەپ تىللىغاندا، زىيانلانغۇچى ئىxx "موتوسىكىلىتنىڭ كۈرۈش ئەينىكىنى ئوڭشۇتۇپ بەرسەڭ بىرىمەن، ئاناڭنى ھارامدىن بولغان' دەپ جاۋابكار ئاxxنى تىللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئۆز-ئارا تىللىشىپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىش جەريانىدا جاۋابكار ئاxx ئوڭ مۇشتى بىلەن زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ سول قۇلىقىغا بىرنى ئۇرغان، نەتىجىدە ئىxxنىڭ سول قولاق پەردىسى يىرتىلىپ زەخمىلەنگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرى [2019] 85-نومۇرلۇق زەخمە دەرىجە باھالاش دوكلاتىدا " ئىxxنىڭ زەخمىسىنى يىنىك 2-دەرجىلىك زەخمە' دەپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاxxيۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاxxنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن زەخىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-مادداىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى xx 

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top