欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 294-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 3013 ********652925،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ت**ناھىيىسىدىن ، ت**ناھىيە ئۇ** يېزاغ** كەنت **- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق  ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 

جاۋابكار ئا**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 157–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار ئا** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ، زىيانلانغۇچى ت** بىلەن بىرگە ،توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا بازار ئىچىدىكى بىر قاۋاقتا ھاراق ئىچىپ، ئەتىسى، يەنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 10:00 لەر ئەتراپىدا، ئىككەيلەن بىللە تۇراپ ئى**نىڭ توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا بەلكەستى كەنىتكە ماڭىدىغان يول بويىدىكى «راۋان يول توكسىكىلىت رىمونىت قىلىش ئورنى» دىكى ياتىقىغا كىرىپ ئارام ئالغان، شۇ كۈنى سائەت 15:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئا**، زىيانلانغۇچى ت**نىڭ ياتاقتا يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى يالغۇز ياتاق ئۆينى ئاقتۇرۇپ، ئىشكاپ ئىچىگە سېلىپ قويغان پورتىمالدىكى 4700 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن، 4265 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. جاۋاپكار ئا**ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن 435 يۈەن پۇل قولغا چۈشۈپ زىيانلانغۇچى ت**غا قايتۇرۇپ بېرىلگەن . قالغان 4265 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن 

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . 

مەھكىممىز، جاۋابكار ئا**نىڭ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئا**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددا ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ئا**غا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر ئەمەت

                 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top