乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئاXX، ئايال، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، كاپالەتچىگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى XXناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى، جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئاXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 ئەتراپىدا XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئۆيىدە باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، يانتېلىفونىدىكى چارۋا-مال توپى دېگەن توپتىن زىيانلانغۇچى قXXنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا قوشۇپ قXXغا «مېنىڭ تۇققىنىمنىڭ ئىككى تۇياق ئانا-بالا كالىسى بار ئىدى، مەن ئايال كىشى بولغاچقا سېتىشتا قولايسىز بولۇپ قالىدىكەن، بولسا سىز سېتىپ بەرگەن بولسىڭىز»دەپ قېيىنئاكىسى ئېXXغا بېقىپ بېرىۋاتقان ئۆيدىكى ئىككى تۇياق ئانا-بالا كالىنى سىنغا ئېلىپ سىن كۆرۈنۈشىنى قXXنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، زىيانلانغۇچى قXX جاۋابكار ئاXX يوللىغان ئانا-بالا كالىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى «چارۋا-مال توپى 2»دېگەن توپقا يوللاپ ئىككى تۇياق كالىغا 22000 يۈەن باھا قويغان، كېيىن توپتا باشقىلار بۇ ئانا-بالا كالىنىڭ باھاسىنى قىممەت كۆرۈپ ئالىدىغان ئادەم چىقمىغاندىن كېيىن، قXX جاۋابكار ئاXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئايرىم خەت يېزىپ «سىز ساتماقچى بولغان ئانا-بالا كالىنى يۇقىرىراق باھادا ئالىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى، ئەگەر سېتىپ قالسىڭىز مەن 8000 يۈەنگە ئالاي، مەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى كارتىڭىزغا ئورۇپ بەرسەممۇ ياكى ئۈندىدارىڭىزغا قىزىل بولاق قىلىپ ئېتىپ بەرسەممۇ مەيلى» دېگەندىن كېيىن، جاۋابكار ئاXX ماقۇل بولۇپ، زىيانلانغۇچى قXXنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كىملىكىنىڭ ئالدى تەرىپىنى رەسىمگە تارتىپ قXXنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، قXX جاۋابكار ئاXXنىڭ كىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، پۇلنى سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا يوللاپ بېرەي دېگەندە، جاۋابكار ئاXX كىملىكى بىلەن ئۆزىنىڭ نامىدا بىجىرگەن يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىنى رەسىمگە تارتىپ قXXنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، قXX جاۋابكار ئاXXنىڭ بانكا كارتىسىغا 6000 يۈەن پۇلنى ئورۇپ قالغان 2000 يۈەن پۇلنى مەن سىز بىلەن كۆرۈشكەندە بېرىمەن دەپ جاۋابكار ئاXXتىن كالىنىڭ كارانتىندىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتىنى ئالامسىز دەپ سورىغاندا، جاۋابكار ئاXX ئالالايمەن، مېنىڭ چارۋىچىلىق پونكىتىدا ئىشلەيدىغان تونۇشلىرىم بار، بۈگۈن يەكشەنبە، ئەتە بېرىپ بىجىرىمەن دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قXXنىڭ 6000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
جاۋابكار ئاXX 2020-يىلى XX -ئاينىڭ XX -كۈنى سائەت 11:35 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى قXXنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى قXXغا تېلىفون قىلىپ ساتىدىغان يەنە بىر تۇياق كالا بار ئىدى دەپ ئۆزىنىڭ XX يېزا XX -كەنىت XX -مەھەللىدىكى ئېتىزلىققا باغلاپ قويغان بىر تۇياق سېرىق ئالا كالىسىنى سىنغا ئېلىپ قXXنىڭ ئۈندىدارىغا يوللىغان، زىيانلانغۇچى قXX ئۈندىدارىدا جاۋابكار ئاXX بىلەن ئۇ بىر تۇياق كالىنىڭ باھاسىنى 8000 يۈەنگە كېلىشكەندىن كېيىن، جاۋابكار ئاXXنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا 5000 يۈەن پۇلنى ئورۇپ، قالغان 3000 يۈەن پۇلنى سىز بىلەن كۆرۈشكەندە بېرەي، كالىلارنى ماڭا قاچان ئەكىلىپ بېرىسىز دېگەندە، جاۋابكار ئاXX مەن بۇ كالىلارغا XX ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ يۆتكەش خېتى، چارۋا پونكىتىنىڭ كارانتىندىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كېيىن سىزگە ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ قXXنىڭ 5000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
جاۋابكار ئاXX 2020-يىلىXX -ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 13:00 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى قXXنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىققا باغلاپ قويغان ئۈچ تۇياق كالىسىنى سىنغا ئېلىپ زىيانلانغۇچى قXXنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بۇ كالىلارنىمۇ ئېلىپ قېلىڭ، مەن ھەممىسىنى بىللە ئاپىرىپ بېرەي دەپ قXX بىلەن بۇ ئۈچ تۇياق كالىنى 24000 يۈەنگە دېيىشكەندىن كېيىن، قXX جاۋابكار ئاXXنىڭ بانكا كارتىسىغا 6000 يۈەن پۇلنى سېلىپ، قالغان 18000 يۈەن پۇلنى سىز بىلەن كۆرۈشكەندە بېرەي دېگەندىن كېيىن جاۋابكار ئاXX قXXغا مەن كالىلارنىڭ كارانتىندىن ئۆتۈش ئىسپاتى ۋە يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىپ بولغاندا، سىزگە تېلىفون قىلىمەن دەپ قXXنىڭ 6000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى قXX جاۋابكار ئاXXنىڭ ئۈندىدارىغا گەپ قىلىپ كالىلارنىڭ يۆتكەش رەسمىيەتلىرى پۈتتىمۇ دەپ سورىغان، بۇ چاغدا جاۋابكار ئاXX قXXنى ئالداپ مەن ھازىر رەسمىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىگە كەلگەن، 2000 يۈەن پۇل بەرسىڭىز دېگەندە، زىيانلانغۇچى قXX 2000 يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئاXXنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەرگەن، شۇ كۈنى كەچتە قXX جاۋابكار ئاXXتىن رەسمىيەتلەرنى قانداق قىلدىڭىز، كالىلارنى قاچان ئەكىلىپ بېرىسىز دەپ سورىغاندا، جاۋابكار ئاXX رەسمىيەت تېخى پۈتمىدى، مەن ئەتە يەنە ناھىيەگە بارىمەن، رەسمىيەت پۈتكەندە سىزگە تېلىفون قىلاي دەپ قXXنى ئالدىغان.
جاۋابكار ئاXX 2020-يىلى XX- ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 14:30 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى قXXنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، XX يېزا XX -كەنىت XX-مەھەللە بىلەن XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللە چېگرىسىدىكى ئېتىزلىققا باغلاپ قويغان باشقىلارنىڭ ئىككى تۇياق كالىسىنى سىنغا ئېلىپ زىيانلانغۇچى قXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ ماۋۇ كالىنىڭ ئىگىسىگە جىددى پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ ساتماقچىكەن دېگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى قXX جاۋابكار ئاXX بىلەن بۇ ئىككى تۇياق كالىنىڭ باھاسىنى 13000 يۈەنگە دېيىشكەن ھەمدە جاۋابكار ئاXXكە مەن ھازىر بانكىغا بارالمايمەن، 10000 يۈەن پۇلنى سىزگە قىزىل بولاق شەكلىدە ئېتىپ بېرەي، قالغان 3000 يۈەن پۇلنى كۆرۈشكەندە بېرەي دېگەن، جاۋابكار ئاXX قىزىل بولاقتىكى پۇلنى ئالالمايتىم دەپ باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىنىڭ پۇل تاپشۇرۋېلىش ئىككىلىك كودىنى ئۆزىگە ئەۋەتكۈزۈپ، ئاندىن بۇ ئىككىلىك كودىنى زىيانلانغۇچى قXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق قXXنىڭ 10000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论