欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某滥伐林木案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-25 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕404号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

                                                             ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 404-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكارئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1975-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XX6529271975، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن،  ئۇچتۇرپان ناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.             مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئا-2019XX يىلى- 11ئاينىڭ 21-كۈنى ئىماملىرىم بازىرى 9-كەنىت 2-مەھەللىدىن سXXنىڭ 26 تۈپ، مXXنىڭ 25تۈپ جەمئى 51تۈپ دەرەخنى 13300يۈەنگە سېتىۋالغان، ھەمدە س«XX دەرەخنىڭ كېسىش ئىجازەتنامسىنى قانداق قىلمىز» دەپ سورىغاندا، ئاXX «بۇ يەر چەت ياقىدا ئىكەن، ھەم يېنىدا كونا ئۆي بار ئىكەن، دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمىسەكمۇ بۇلىدۇ» دەپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە سXXتىن سېتىۋالغان 51 تۈپ دەرەختىن 36تۈپ دەرەخنى كەسكەن، بۇ 36تۈپ دەرەخنى كېسىش جەريانىدا ئۇقۇشماستىن سXXنىڭ دەرىخى بىلەن بىر ئورۇندىكى يXXنىڭ 12تۈپ دەرىخى بۇلۇپ جەمئى 48تۈپ دەرەخنى ئورمانچىلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن «دەل-دەرەخ كېسش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي كەسكەن. 

باھالاش پىكىرنامىسىدە « ئاXX تەرىپىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىلگەن يەرنىڭ كۆلىمى 0.43مو، ئورمان تۈرى ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، دەرەخ تۈرى تىرەك، دەرەخ كىسىلگەن يەرنىڭ تۈرى ئىگىز غوللۇق ئورمان يىرى، كېسىلگەن دەرەخنىڭ زاپاس مىقدارى 49.1671كۇپمىتىر، ماتىرىيال چىقىش مىقدارى 24.58355كۇپمىتىر، زىيان قىممىتى 22125.195يۈەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.

دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە بىجىرمەي تۇرۇپ دەرەخ كەسكەن قىلمىشىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 345-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، زىيانلىق ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش، قۇشۇمچە شىتىراپ قۇيۇش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى

      تەپتىش: ئابلەت تۇنياز

2020يىلى -7ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى سوتقا يوللاندى.

(2)جاۋابكار دىلو سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن ئىككى تال مايلىق ھەرە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

(3) جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە، تېلىفون نومىرى:189XX 

新疆维吾尔自会区

乌什县人民检察院起诉书

乌什检一部刑诉〔2020〕404号 

乌什县人民法院:

被告人阿布都热依木·托合提,男,维吾尔族,1975年3月5日出生,身份证号:652927197503052712,乌什县人,居住于乌什县阿合雅镇塔尕尔其村2组,小学文化水平,农民,无前科,于2019年12月13日被乌什县公安局以涉嫌滥伐林木罪取保候审。

乌什县公安局侦查终结被告人阿布都热依木·托合提滥伐林木罪一案,于2020年6月2日向本院移送审查起诉。 本院受理后,告知被告人有权委托辩护人,认罪认罚后的从宽制度。       听取了被告人和值班律师的意见,延长办案期限一次。

本院审查认定的事实:

被告人阿不都热依木·托合提于2019年11月21日从依麻木镇9村2社区把萨sadir赛买提的26棵, 买斯特汗·提来克的25棵树一共是51棵树,是13300元买的, 并问萨迪尔.赛买提《树木的采伐许可证怎么办》时, 阿不都热依木·托合提说:“这个地方很偏僻, 并且旁边有老房子, 不需要办理采伐许可证》。 2019年12月4日至12日从萨迪尔.赛买提购买的51棵树中砍了36棵树, 在采伐这36棵树的过程中,不小心把萨迪尔.赛买提的树和同一处的亚尔.赛买提的12棵树,总共48棵树被林业部门没有办理《林木采伐许可证》进行采伐。            

鉴定意见书上说明“被阿布都热依木·托合提乱砍树的面积为0。 43亩,林种为农田防护林,树种为杨树,采伐迹地类型为高杆林地,采伐蓄积为49。 1671立方米,出材量24。58355立方米,损失价值22125。 得出了195元的结论。

破案后被告人自愿如实交代了上述行为。

上述事实根据书证,证人证言,被告人供述,鉴定结论,勘验检查笔录等证据认定。

上述证据的提取程序合法,内容客观真实,足以证明指控的事实。 被告人阿不都热依木·托合提对本院指控的事实和证据没有异议,并表示认罪认罚。

本院认为,被告人阿不都热依木·托合提违反国家森林法未办理许可证就采伐林木的行为,构成滥伐林木罪,对此案件事实清楚,证据确实、充分,依照《中华人民共和国刑法》第三百四十五条第二款的规定追究其刑事责任。 根据被告人的认识行为,悔罪表现,危害后果等方面进行刑事处罚,并处罚金,根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条之规定提起公诉。

检察长:艾麦尔·吐尔地

检察员:阿不来提·吐尼亚孜

2020年7月16日,

附:(1)起诉书10份,侦查卷一册,量刑建议书一份,认罪认罚具结书一份移送法庭。

2)(被告人作案用的两把油锯随案移送。

(3)被告人被取保候审,现在家,电话:18935840451。

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top