欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某的盗窃罪案件)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕142号 

 ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ          ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 142 –نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئاxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65292719xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئاxx2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيە يېشىل يايلاق دېھقان بازىرىنىڭ كىيىم- كىچەك رايۇنىدا، بالىلار ئاياغلىرىنى سېتىۋاتقان زىيانلانغۇچى بۇxxنىڭ مال سېتىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇxxنىڭ مال تىزغان جازىنىڭ كەينىگە قۇيۇپ قويغان 3600 يۈەن نەق پۇل سېلىنغان سومكىسىنى ئوغۇرلاپ، سومكا ئىچىدىكى 3600 پۇلنى ئېلىۋىلىپ، سومكىنى بازار ئەتراپىدىكى رىشاتكىنىڭ ئىچىگە تاشلىۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىسلىدە،  تىلفۇن xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 3 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top