乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕460号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) –نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx. ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيىسگە ئىگە، كەسپى دېھقان، 2019-يلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، 2020–يىلى 6–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشۈپ قالغان جىنايىتى بايقىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئاxx 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى زىيانلانغۇچى گۈxxنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ «ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنت xx-مەھەللىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىدا كۆرۈشۈشنى، دەيدىغان مۇھىم گېپى بارلىقىنى» دەپ كۆرۈشكەندىن كىيىن «ئاڭلىسام يولدىشىڭىز ھەxxنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ، مىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدا ساقچى تۇنۇشۇم بار، سىز نەچچە كۈنگىچە 5000 يۈئەن پۇل تەييارلاپ ماڭا بەرسىڭىز، مەن شۇ تۇنۇشۇمغا سىز بەرگەن پۇل ئارقىلىق يول مېڭىپ، يولدىشىڭىزنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىپ قويىمەن» دىگەندە، زىيانلانغۇچى گۈxx ئىشەنمەي «بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، سىز راستىنلا يولدۇشۇم ھەxxنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم قىلالامسىز» دەپ سورىغان. جاۋابكار ئاxx زىيانلانغۇچى گۈxxقا «سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مەن يولدىشىڭىزنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن پۇلنى بېرىدىغان يەرگە بېرىپ بولۇپ، نەچچە كۈنگىچە سىزگە خەۋىرىنى بېرىمەن، چاتاق چىقمايدۇ» دىگەن. شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى گۈxx جاۋابكار ئاxxكە ئىشىنىپ، يولدىشى ھەxxنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن 4700 يۈئەن پۇل تەييارلاپ، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئاxxكە بەرگەن. جاۋابكار ئاxx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى گۈxx بار يەردە دوستى ماxxكە تېلفۇن قىلىپ بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرىنى سوراپ بىلىۋالغاندىن كىيىن، يۇقارقى 4700 يۈئەن پۇلدىن 700 يۈئەننى يانچۇقىغا ئارىپ قېلىپ، قالغان 4000 يۈئەن پۇلنى ماxxنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۋەتكەن. ئاندىن زىيانلانغۇچى گۈxxقا «پۇلنى يولدىشىڭىزنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغان ئادەمگە ئۇرۇپ بەردىم، مەن سىزگە ئىككى ئۈچ كۈنگىچە خەۋىرىنى بېرەي» دەپ گۈxxنى ئىشەندۈرگەندىن كىيىن، يامانسۇ يېزا بازىرىغا قايتىپ كېلىپ ماxxتىن بانكا كارتىسىنى سوراپ ئېلىپ، كارتىدىكى 4000 يۈئەن پۇلنى چىقىرىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە زىيانلانغۇچى گۈxx جاۋابكار ئاxxكە تېلفۇن قىلىپ يولدىشى ھەxxنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىدىغان ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئاxx«مەن سىزگە نەچچە كۈنگىچە ئۆزۈم تېلفۇن قىلىپ خەۋىرىنى بېرەي» دەپ قويۇپ تېلفۇننى قويىۋەتكەن، كىيىن زىيانلانغۇچى گۈxx جاۋابكارغا بىر قانچە قېتىم تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ جاۋابكار تىلفۇننى ئالمىغان. شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى گۇxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى يامانسۇ يېزىلىق ساقچىخانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئاxx زىيانلانغۇچى گۇxxقا ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلىنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاxxنىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرىxx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论