欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某盗窃案自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 233–نومۇرلۇق

   ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋاپكارئا** ، ئەر، ئۇيغۇر،1986-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى  تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:********6501031986، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەتسەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:** شەھەر ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە.  2008-يىلى2-ئاينىڭ 26-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن15كۇن  مەجبۇري زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك8ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ8-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قىتم ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ .  10-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 26-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى جاۋابكار ئا**، ** شەھەر ** رايۇنى ** ئائىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى ئاھالىلار كومىتىتى ئىشخانىسىدا   زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغان 4600يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئاق رەڭلىك ،128جىلىق، ئالما 11-ئەۋلاد تېلفۇننى ئوغىرلاپ ئېلىپ سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

   جاۋابكار ئا**  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى  تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى 4-ئەترەت تەرىپىدىن تېلفۇن قىلىپ چاقىرتىلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، دېلوغا چىتىشلىق زاڭ مالنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تالۇنى، تونۇتۇش خاتىرىسى، 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

         تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                       تەپتىش ياردەمچىسى:سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 12–ئاينىڭ 11–كۈنى

          ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ھازىر تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

 2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛

 3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

 4. جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخابىرگە يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top