شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 659-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529271998xxxxxxxx، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھىيسى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئxx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 479-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتىراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx كوچا «xx» تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ يەپ بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە باشقىلار دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاماق يىگەن ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۆكىۋېلىپ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلار ئىشتىن چۈشۈپ ئىشكنى تاقىۋېتىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاشخانىدا ئادەم قالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئۈستەلىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ كۆزۈتۈش ئاپىراتىنىڭ توكىنى ئايرىۋىتپ، ئاشخاننىڭ ئىچىدىكى پۇل سالىدىغان تارتىمىنىڭ قۇلپىسىنى ئاشخانىدىن تاپقان سېرىق دەستىلىك ئەتىۋىرتكە بىلەن قايرىپ بۇزۇپ ئېچىپ، تارتمىدىكى سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان 7000 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئاشخاننىڭ كەينى ئىشىكىدىن چىقىپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددابەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئاxxننىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئاxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论