欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某盗窃案)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕231号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 231–نومۇرلوق 

 ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1998-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX6529271998، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھيەXX بازىرىXX كەنىت 6- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 3–كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دىلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرى ۋە جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋەكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلدۇق، دىلودا تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تىگىشلىك تەرەپلەر بار دەپ قاراپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان، دىلو ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى قايتا ئەيىپلەشكە يوللانغان.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

  جاۋابكار ئاXX 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:30 لار ئەتراپىدا  زىيانلانغۇچى مXX بىلەن بىرگە ئۇچتۇرپان بازىرى جوجاڭ دوقمۇشتىكى شىنلۇڭ مىھمانخانىسىدا ھاراق ئىچكەن، بۇ جەرياندا جاۋابكار ئاXX زىيانلانغۇچى مXXنىڭ تىلفۇنىنى سوراپ  ئايالىغا  تىلفۇن قىلۋاتقاندا زىيانلانغۇچى مXX مەس بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان، بۇ چاغدا جاۋابكار  ئاXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىگە كىلىپ،ئۆزىنىڭ  XXئىسىملىك XX180 نومۇرلۇق يان تىلفۇن نومۇرىغا باغلانغان ئۈندىدارىغا، ئالدىن بىلىۋالغان مەخپى نومۇر ئارقىلىق مXXنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىغا باغلانغان ئۈندىداردىن ئۈچ قېتىمدا 17000 مىڭ  پۇلنى ھىساپ يۆتكەش شەكىلى ئارقىلىق ئوغۇرلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئسىپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار ئاXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلىچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىغى، زىياننىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىگى ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا جاۋابكار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى

         تەپتىش: ئابلەت تۇنياز

2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسقا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش ئارخىپى،  جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخا، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ئXX  ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top