欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某盗窃案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2021〕7号 

 ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

         ئو ت ج ئى چىقىش [2021] 7 -نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى-xxئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرىxx652922:، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيە xx  بازىرى xx كەنت xx-مەھەللىدەx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،   2020-يىلى9-ئاينىڭ30-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى  ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئاxx چېتىشلىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2021-يىلى 1–ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېز تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

     جاۋاپكار ئاxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى تxxنىڭ ئونسۇ ناھىيە xx بازىرى xx ئاھالىلار كومتىتى xx-گۇرۇپ xx خۇسۇسىي ئامبۇلاتورىيسنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 4655يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ ئاچقۇچ سالدىغان يەرنىڭ ئاستىدىكى  سىمىنى ئۈزۋېتىپ ،ماس قىلىپ ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx-ئەترەتتىكى ئىجارە ئولتۇرۋاتقان ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. دىلوپاش بولغاندا زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ67-ماددا -3 تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. 

جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئاxx«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز. 

   ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                       تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن

                      پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز

                     2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار ئاxx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top