شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 755 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : ئاXX، ئەر ، ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ -** كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: X65212219******271 ، پىچان ناھىيە **بازار ** كەنىت 3-گۇرپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، رىمونىتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 7-ئاينىڭ 9- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن ، 2020- يىلى 11-ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020 - يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، جاۋاپكار ئاXX پىچان ناھىيە ** ماشىنا رىمونىت قىلىش زاۋۇتىدا باشقىلار رىمونىت قىلىشقا ئەكىلىپ قويغان يىشىل رەڭلىك چاڭچىڭ ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدەپ تىلكامىرا ئاستىغا توختىتىپ قويۇش جەريانىدا، شۇ زاۋۇتتىكى خىزمەتدىشى ۋاڭ**نىڭ شۇ ماشىنىنى رىمونىت قىلىش جەريانىدا قويۇپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغان 2500 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە خۇاۋېي ماركىلىق، قارا رەڭلىك يان تىلىفۇننى ئوغۇرلاپ كىلىپ ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويۇپ، 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاXXغا 800 يۈەنگە سىتىۋىتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. ( دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئۇغۇرلانغان يان تىلىفۇن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغان)
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 5. باھالاش يەكۈنى؛6. نەق- مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى؛ 7. ماس قەدەملىك ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، ئاXX قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، شەخىسلەرنىڭ جەمئىي 2500 يۈەن قىممىتىدىكى يان تىلىفۇنىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ۋە تۇلۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ئاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسى، 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى: XX
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى 1 پارچە، 2 دانە ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论