欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某等两人盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش  〔2020〕1116- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

ئا**، ئەر، ئويغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65292319، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنت 4-گوروپ 80-نۇمۇر،جازالانغان.

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 10ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنىپ 1 يىل 2 ئاي كىچىكتۇرۇلگەن ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن .ھازىر ئائىلىسدە كېپىلدە. 

س**، ئەر، ئويغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65292320، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنت 5-گوروپ 28-نۇمۇر،

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن .ھازىر ئائىلىسدە كېپىلدە.

مەھكىمىمىز كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕543- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋاپكار ئا** ،سى**لارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 11 -ئاينىڭ 12 –كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار ئا**، سى** 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت10دىن ئاشقاندا كۇچا شەھىرى ** بازىردىن ئا**نىڭ، يوقۇتۇپ قويغان موتوسىكىلىتىنى ئىزدەش ئۈچۈن،** بازىرغا كىلىپ ** بازار ** كەنىت تەۋەسىدە ئايلىنىپ يۈرگەن، بۇ جەرياندا ئا** سى**غا ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى ئوتتۇرغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئا** بىلەن سى** ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە نىشان ئىزدەپ، ** بازار ** كەنت 3-گوروپنى ئايلىنىپ يۇرگەندە،زىيانلانغۇچى ك**نىڭ ئۇيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرىتتىن تاقاق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆينىڭ دەرىزىسىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن مۇشۇ ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرىشنى مەسلىھەتلىشىپ،ئا** ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ئارتىلىپ ك**نىڭ ئۇيىگە چۇشكەن،سى** ئۆينىڭ ئالدىدا سىرتنى كۇزۇتۇپ تۇرغان،ئا**،زىيانلانغۇچى ك**نىڭ ياتاق ئۇيىدىكى كارۋات ئۇستىگە سېلىنغان گېلەمنىڭ ئاستىدىكى 5500 يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىققان، ئا** 5500 يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن،سى** بىلەن بىرگە كۇچاغا بېرىپ ئوغۇرلاپ چىققان پۇلدىن 300 يۇەننى سى**غا بەرگەن، 4500 يۇەن پۇلنى سى** بىلەن بىرگە خەجلىگەن، 700 يۇەن پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۇگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جااپكار ئا**نىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.

دىمەك، جاۋابكار ئا **، سى**لەرنىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل – مېلىنى ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايىتى ئىشلار قانۇننىڭ »264 – ماددىسىدىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزنى ئاقىلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۇن-سىن بۇيۇم قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار ئا** ،سى**لارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۇلۇك ھوقوقىنىڭ دەخلىسىزلىكىگە كاپالەتكە ئىگگ قىلىش ئۇچۇن،جاۋابكار ئا**،سى**نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق،25-ماددا،67-ماددا3-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ،جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى

2020-يىلى11 –ئاينىڭ13 -كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار ئا** ،سى** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

2)  بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىپى، 9نۇسخا ئەيىبلەشنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top