كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2019)1156-مۇرلۇق
1. جاۋاپكار ئاxx(لەقىمى:قازاق)،ئەر،1975-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6528011975،ئۇيغۇر،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرىxx يېزىسى xx كەنتى xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى ئىتىپاق جەنۇبى يۇلى xx-ئولتۇراق رايۇن xx-بىنا xx-ئىشىك xx-نۇمۇر. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان.2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2.جاۋاپكار ئاxx،ئەر،1993-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى xxxxxxxx 6531301993،ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ مارالبىشى ناھىيەسى xx يىزىسى xx كەنىت،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx يىزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
3.جاۋاپكار يxx،ئەر،1989-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6528011989،ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى xx يېزا xxكەنىت xx-گۇرۇپپا xx-نۇمۇر ، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx-ئولتۇراق رايۇن xx-بىنا xx-ئىشىك xx-نۇمۇر. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان. 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىز قىمارخانا ئىچىش جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
4.جاۋاپكار ئېxx،ئەر،1985-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6542011985 ،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى xx يېزا xxكەنىت xx-گۇرۇپپا xx-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx40-ئولتۇراق رايۇن xx-بىنا xx-ئىشىك xx-نۇمۇر. 2018-يىلى 5-ئايدا كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن 1 يىل 4 ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدىن جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان.2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز قىمارخانا ئىچىش جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكارنى قىمارخانا ئىچىش جىنايەت گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار ئاxx پۇل تېپىش مەقسىتىدە، 2013-يىلىدىن 2015-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا،كورلا شەھەر xx-ئولتۇراق رايونى xx-بىنا xx-قەۋەت xx-نۇمۇرلۇق دۇكاننى ئىجارىگە ئالغاندىن كىيىن،قىمارخانا ئىچىپ،قىمارخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئول بولغان ھەمدە جاۋاپكار ئاxx،يxx،ئېxx قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قىتىم قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ،چوتۇ يىغقان.بۇ جەريانىدا جاۋاپكار ئاxx 2013-يىلى 7-ئايدىن 2015-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە قىمارخانىدا چوتۇ يىغىپ،ھىسابات ئىشلىرىغا مەسئول بولغان.جاۋاپكار ئېxx 2014-يىلى 9-ئايدىن 2014-يىلى 11-ئايغىچە قىمارخانىنىڭ ئىشلىرىغا كۆز قۇلاق بۇلۇپ،جوزا پۇلى يىغىش ئىشلىرىغا مەسئول بولغان.جاۋاپكار يxx 2015-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى يىل ئاخىرغىچە قىمارخانىنىڭ تازلىق،جوزا پۇلى ئېلىش،چوتو ئايرىپ يىغىش،قىمار ئوينىغانلارغا سۇ،تاماكا ئەكىرىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئول بولغان.جاۋاپكار ئاxx بۇ جەريانىدا 300مىڭ يۇەن قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.
جاۋابكارلارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جىنايەت گۇماندارى ئاxxنىڭ پۇل تېپىش مەقسىتىدە،قىمارخانا ئاچقان قىلمىشى،جىنايەت گۇماندارى ئاxx،يxx،ئېxx قاتارلىقلارنىڭ پۇل تېپىش مەقسىتىدە قىمارخانىغا ياردەملەشكەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-ماددىسىنىڭ 2-تامىقى،25-ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل–ئىسپاتى تۇلۇق،قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ئاxx،يxx،ئېxx قاتارلىقلارنىڭ قىمارخانا ئىچىش جىنايىتىدە قۇشۇمچە رول ئوينىغان بۇلۇپ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن ئەگەشكۇچى جىنايەتچى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكار ئاxx،ئاxx،يxx،ئېxx قاتارلىقلارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ھاۋاگۇل توختى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 3توپلام،18 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى .
(2)جاۋاپكار ئاxx،ئاxx،يxx قاتارلىقلار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
(3)جاۋاپكار ئېxx بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论