欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某等2人贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

                       ئۈ ت ت 2-ب ج ئە202025–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:  ********6540211996   تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ **ناھىيىسى **يېزىسى ** كەنتى ** يولى **-كوچا **-نۇمۇر. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

جاۋابكار ف**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6540212000******** باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** يىزىسى** كەنتى ** يولى **-كوچا **-نۇمۇر. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**، ف**لارنىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 8–ئاينىڭ 6-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتە، جاۋابكار ئا**، ف**لار، جاۋابكار ئا**نىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ئا**غا سېتىپ بىرىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئارقىلىق ئا**دىن 100 يۈەن پۇل ئالغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن 20:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا**، ف**لار شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا، ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنى ئا**گە سېتىپ بەرگەندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

جاۋابكار ئا**، ف**لار ئا**گە سېتىپ بەرگەن بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 0.307 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە AMB-FUBINACA، ADB-FUBINACA، 5F-ADB تەركىبىنىڭ يوق ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**، ف**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىداردا سۆزلىشىش ۋە پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۆرىتى، ماددى ئىسپات سۆرىتى قاتارلىقلار؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئا**دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ۋە تونۇتۇش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئا**، ف**لارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات(گۇمانلىق زەھەرلىك بويۇم)نى ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛ 

5. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى، ماددى ئىسپاتنى تونۇتۇش سۆرىتى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا**، ف**لارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**، ف**لارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ساپ ئېغىرلىقى 0.307 گىرام بولغان بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ‹ناتاشا› دەپ قاراپ، باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقى، 23-ماددىسى ۋە 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى(ئەمەلگە ئاشمىغان) بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: پەرھات ئەركىن 

                              تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن

2020–يىلى 9–ئاينىڭ 5–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئا**، ف**لار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ 13 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن ئىككى نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن ئىككى نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top