欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某绒里他人吸毒案_和静县人民检察院

2021-09-19 独角龙 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检公诉刑诉〔2019〕548号 

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                     خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019) 548-نومۇرلۇق    

    جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ********6528271972، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تاشيول ئاسراش ئىشچىسى، 2008-يىلى 8- ئايداخېجىڭ ناھىىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك چىكىملىك نىشە چەككەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختۇتۇپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن، 2017-يىلى 1-ئايدا زەھەرلىك چىكىملىك نىشە چەككەنلىكى ئۈچۈن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن 15 كۈنلۈك مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قويۇش جازاسى ۋە ئۈچ يىللىق مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزۇش جازاسى بېرىلگەن، 2018-يىلى 8-ئايدازەھەرلىك چىكىملىك مۇزسىمان زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئىككى يىللىق مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش جازاسى بىرىلگەن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى ** جەنۇبى يولى**-ھويلا **-بىنا **-كورپوس**-نومۇر، 2019–يىلى07–ئاينىڭ18–كۈنى باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىممىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنىپ، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىجرا قىلىنغان،  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا مەجبۇرى ئايرىپ زەھەرتاشلاتقۇزۇش ئورنىدا، ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

 جاۋابكار ئا**نىڭ باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك  ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  2019- يىلى 9 - ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋاپكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىللىك قىلىش تۈزىمنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى، بۇئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى بىر قېتىم ئۇزۇرتىلدى،  دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىق ئاستىدا جاۋاپكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى، جاۋاپكار ئا** مەزكۇردىلودا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:

     جاۋاپكارئا** 2017-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى خېجىڭ ناھىيىسى ** داۋانىدا كۇچارلىق چوڭ ماشىننىڭ شوپۇرى(سالاھىيىتى نامەلۇم) بەرگەن ياڭاق چوڭلۇقىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى شۇكۈنى خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى ** تارماق تاشيول ئوچاستىكىسى ئىشچىلار ياتاق رايونىدىكى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا نى**، ئە**، ئى** قاتارلىقلاربىلەن ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، ياڭيۇدا غاڭزا ياساپ، جاۋاپكار ئا**، نى**، ئە**لەر ئىككى غاڭزىدىن زەھەرلىك چىكىملىك نىشە چەككەن، ئى**(ھازىرقى ئىسمى شى**)بىر غاڭزا زەھەرلىك چىكىملىك نىشە چەككەن.

  يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش-ئېنىقلاش خاتىرسى ۋە رەسىمى، تۇنۇتۇش رەسىمى ۋە خاتىرىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ئا** باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك نىشە چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 354-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، شۇڭا قانۇن بويىچە باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، شۇڭا جاۋابكار ئا**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

      ھۆرمەت بىلەن:                          

                     خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                            

                                       تەپتىش:ئەركىنجان تۇردى

                                   2019-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى

1)جاۋابكار ئا** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2)دېلو ئارخىۋى بىر توپلام.

3) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا.

4)ئەيىپنامە 8 نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top