欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某行贿案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

           شايار ت ج ئە (2018)     -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئاXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى : 65292419XXXXXXXX59 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، XX ناھىيە XX ئۆي مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى . XX ناھىيە XX يولى XX-نومۇر ئىگىز قەۋەت XX-بىنا 1-ئىشىك XX-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق  ، ئىلگىرى جازالانمىغان . پارا بىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە  كاپالەتىچىگە بىرىلگەن .

مەھكىمىمىز خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ پارا بىرىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ش ت خ چىقىش (2018) 11-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.  دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار ئاXX 2014-يىلى 6-ئايدا XX ناھىيىلىك يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپىدىن قەرىز ئالغان بۇلۇپ ، قەرىزنىڭ قايتۇرۇش مۇددىتى توشقاندا ، قەرزنى قايتۇرالمىغانلىقتىن 2015-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە XX ناھىيىلىك يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپى بىرلەشمىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كېڭەش باشلىقى تXX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ) نى ئىزدەپ بېرىپ ، قەرىزنى قايتۇرالمايدىغانلىقى ، يېڭىدىن قەرىز بېجىرىپ كونا قەرىزنى قايتۇرۇپ تۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا كونا قەرىزنى قايتۇرمىغان ئەھۋالدا يېڭىدىن قەرىز بېجىرىپ بىرىشنى ئېيىتقان ھەم شۇ يەردىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا تXXنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە بىللە ئولتۇرۇپ ، بىر خالتىغا سېلىنغان 50 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى تXXقا بىرىپ قايتىپ كەتكەن . كىيىن تۇXX قول ئاستىدىكىلەرگە يېڭىدىن قەرىز بېجىرىپ بىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن ، جاۋابكار ئاXX ئۈزىنىڭ نامىدا 1 مىلىيۇن 500 مىڭ يۈەن ، ئىنىسى رXXنىڭ نامىدا 5 مىلىيۇن يۈەن قەرىز بېجىرىپ ، ئالدىنقى يىلى ئېلىپ قايتۇرالمىغان كونا قەرىزنى قايتۇرغان .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئېنىقلاش ، تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ XX ناھيىلىك يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپى بىرلەشمىسىدىن قەرىز ئېلىش جەريانىدا ، قەرىز ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى مەقسەت قىلىپ ، يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپى بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى تۇXXقا 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەرگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن پارا بىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق . دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىسادى پائالىيىتىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ۋە چىرىكلىكنى جازالاپ ، تىنىچ ، مۇقىم بولغان ئىجىتمائى ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 389-ماددا 1-تارماق ، 390-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار ئاXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

 

ھۆرمەت بىلەن :

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

 

تەپتىش : XX

 

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى

 

قۇشۇمچە:1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل -ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخىبى (101بەت) بىرگە يوللاندى. 

 2)  جاۋابكار ئائىلىسىدە كېپىلدە .

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top