欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某诈骗案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                                               ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 288-نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

1.جاۋابكار ھX، ئەر،ئۇيغۇر،1957-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ********6531291957،ساۋاتسىز،دېھقان،قەشقەر ۋىلايەت *ناھىيە *-يېزا, نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە توختۇتۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ * شەھىرى *غەربىي يولى *-نومۇر پىڭفاڭ *- كورپۇس *- نومۇر،  ئىلگىرى جازالانمىغان .

قەرىز پۇل ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2019-يىلى 05-ئاينىڭ 23-كۇنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان،2020-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە . 

2.جاۋابكار ئاX، ئەر،ئۇيغۇر،1986-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6531291986، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسگە ئىگە، دېھقان، قەشقەر **ناھىيسى ،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە توختۇتۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ **شەھىرى تەڭرىتاغ غەربىي يولى *- نومۇر پىڭفاڭ *- كورپۇس *- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان . 

قەرىز پۇل ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2019-يىلى 05-ئاينىڭ 23-كۇنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 06- ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، 2020-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 493-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ھX،ئاXلارنىڭ قەرز پۇل ئالدامچىلىق جىنايى دىلوسىنى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارلارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارلار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

2014-يىل بېشىدا، تX (ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، سابىق **يېزا ساۋخۇ مۇچاڭ مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى) ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن جاۋابكار ھX بىلەن كۆرۈشۈپ، ھXدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل سورىغان، ھX تX بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىر ئايدىن كېيىن تXگە 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بېرىپ تۇرغان، شۇ يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ھX كۇچا ناھىيە ئامانەت-قەرز كوپراتىۋىدىن قەرز پۇل بىجىرىش ئۈچۈن تXدىن مەسلىھەت سورىغان، تX ھXغا ئۆزىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 3000 مو يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىنى بەرسە تارىم يېزا ساۋخۇ مۇچاڭ تەۋەسىدىن بىر پارچە يەر ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى چىقىرىپ بېرىشنى ئېيتقان ھەمدە ئەX ( ساۋخۇ مۇچاڭ مەيدانىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەيدان باشلىقى ) گە ئورۇنلاشتۇرۇپ 1980 مو يەرنىڭ قۇرۇق ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىنى ھXغا تەمىنلەپ بەرگەن،ھX يۇقارقى ھۆددىگەرلىك توختامنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكار ئاX (ھXنىڭ ئوغلى)غا ئۆزىنىڭ نامىدا ئامانەت قەرز بىجىرىشنى ئېيتقان، ئاX ھاكىم پازىنىڭ كۇچا ناھىيە ساۋخۇ مۇچاڭ تەۋەسىدە ھۆددە يېرىنىڭ يوقلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ھX بەرگەن ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىگە ئىمزاسىنى قۇيۇپ بەرگەن،ئاندىن ھX ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى تXنىڭ ئىشخانىسىغا ئاپارغان، تX  ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىنىڭ مۇناسىۋەت ئورۇنلىرىغا ئىمزا قۇيۇپ، ساۋخۇ مۇچاڭ مەيدانىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ بەرگەن، ھX 1980 مو ساختا يەر ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى ۋە 1400 مو ساختا يەر ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىنى (ھX يۇقارقى كۇچا ناھىيە  ساۋخۇمۇچاڭغا جايلاشقان 1400 مو يەرنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى 2009-يىلى جXغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،بىراق نامىنى يۆتكەش رەسمىيتىنى بىجىىرمىگەن) ئىشلىتىپ، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ20-كۈنى ئاXنىڭ نامىدا كۇچا ناھىيە ئامانەت قەرز كاپراتىۋىدىن 3500000 قەرز پۇل ئالغان، ئالغان قەرز پۇللارنىڭ 2000000 يۈەن پۇلنى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تېرىلغۇ يېرىگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، 600000 يۈەن پۇلنى قەرز پۇلنىڭ دىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، قالغان 900000 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى قەرزلىرى ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن 800000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە ،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك،ھX ،ئاXلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قەرز پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارلارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئاX،ھXلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 175-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى،25-ماددا،67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ « جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت 

                         2020- يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار ھX،ئاXلار ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. ئۈچ توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 17 نۇسخا ئەيىبنامە ، 4 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top