欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某诈骗案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونى  ئۈرۈمچى  شەھىرى

يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  

ئەيىبنامىسى

    ئۈ  ش ي ت 1-ب ئە  (2020) 195-نومۇرلۇق

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ئا **، ئەر، 1990-يىلى**ئاينىڭ**كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******65312119901،ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى ** كەنتى ** گۇرۇپپا**نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى**يولى**ئولتۇراق رايونى** بىنا ** زال ** نومۇر، ئىشسىز. 

   جاۋابكار ئا** ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، مۇددەتلىك بىر يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 10مىڭ يۈەن شىتىراف قويۇلغان.

   جاۋابكار ئا ** ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىتلغان. مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.  

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،جاۋابكار ئا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش، كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنىي ئاقىۋىتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. دېلودا تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق.  

   جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

   دېلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە مۇقىملاشتۇردۇق:

2020-يىلى 3-ئايدا، جاۋابكار ئا ** زىيانلانغۇچى مە**غا يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدىن يانفون ئەكەلدۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، زىيانلانغۇچدىن 13370 يۈەننى ئالداپ ئېلىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.

   2020-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاۋابكار ئا ** زىيانلانغۇچى قۇ** غا يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قەشقەردىن 60توننا كېرەكسىز تۆمۈر سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كېرەكسىز تۆمۈرنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، پايدىسىنى زىيانلانغۇچىغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقنى ئېيتىپ، زىيانلانغۇچدىن 4500يۈەننى ئالداپ ئېلىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.

   2020-يىلى5-ئاينىڭ 2-كۈنى،جاۋابكارئا ** زىيانلانغۇچى مە** غا يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قەشقەردىن ئىككى دانە كېرەكسىز توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنى سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ، سېتىپ بولغاندىن كېيىن، پايدىسىنى زىيانلانغۇچىغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقنى ئېيتىپ، زىيانلانغۇچدىن 5000 يۈەننى ئالداپ ئېلىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.

   جاۋابكار ئا **نىڭ ئومۇمىي ئالدامچىلىق سوممىسى: 22870يۈەن.

   دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئا ** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى، دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى؛  

1.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

1.زىيانلانغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

1.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىش؛

1.ئۈندىدار ھېسابات خاتىرىسى.

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكىت ۋە ھەقىقىي، پاكىتنى بىكىتىشكە بولىدۇ، جاۋابكار ئەيىبلەنگەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئا **نىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مال مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا ئالدامچىلىق جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك . 

جاۋابكار ئا **نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

جاۋابكار ئا ** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك. 

جاۋابكار ئا ** تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار ئا **نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش:  ئېرپان ئەخمەت

كاتىپ:  سۈرىيە پەرھات

2020-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى

قوشۇمچە:

1. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا.

2. توققۇز پارچە ئەيىبنامە، ئۈچ توپلام ج خ دېلوسى بىرگە قوشۇپ يوللاندى.

3.  جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخېتى بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top