欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某诈骗案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕283号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                      ئو ت ئەيىبلەش ( 2020 )283-نومۇرلۇق

   جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX 19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :XXXXXXXXXX 65292219 ، تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، XXناھىيە XXبازىرى XXئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، كەسپى تىجارەتچى، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى XXناھىيە خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، جازاسنى 1يىل  كېچىكتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان، قوشۇمچە 2000يۈەن ئېشتىراپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى XXناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئونسۇ ناھىيە ج خ ئىدارسى تەرپىدىن مەجبۇرلاش تەدبىر ئۆزگەرتىلىپ كېپىللىكە بېرىلگەن.

    XXناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ئاXXنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا داۋا جەريانىدىكى ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا بۇ دېلونى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. 

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

1. جاۋابكار ئاXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە 2016-يىلى 11-ئاي ئەتىراپىدا XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق باXXكە، يولدىشىڭىز تۇXXنىڭ يۇلىنى مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئۈچ قېتىمدا 60 مىڭ يۈەن پۇلسىنى ئېلۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.

2. جاۋابكار ئاXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە2017-يىلى 2-ئاي  ئەتىراپىدا XXناھىيە XXبازىرى 6-كەنىت 1-مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېXXنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن  XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت XX-مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇXXغا يۇلدىشىڭىز ئاXXىىڭ  يۇلىنى مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ، ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئۈچ قېتىمدا70 مىڭ يۈەن پۇلسىنى ئېلۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.

3. جاۋابكار ئاXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە2017-يىلى 3-ئايدا XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت XX-مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېXXنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن  XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت XX-مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق ھۆXXنىڭ يولدىشى تۇXXنىىڭ يۇلىنى مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ، ھۆXXتىن 60 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.         

4. جاۋابكار ئاXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە2017-يىلى 3-ئايدا XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت XX-مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېXXنىڭ (ئاXXنىڭ يۇلدىشى ) تۇنۇشتۇرشى بىلەن ئاXXغا، قەXXنىڭ يۇلىنى مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ 100 مىڭ يۈەن پۇلسنى ئېلۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.

5 . جاۋابكار ئاXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە XXناھىيە XXبازىر XXكەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاXXنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن ئەXXقا ئايالى ئاXXنىڭ يولىنى مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ 82800 يۈەن پۇلسنى ئېلۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.

يۇقارقىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا: جاۋابكار ئاXX 2016-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ 2017-يىلى 7-ئايغىچە بۇلغان ئارلىقتا ئاXXنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن XXناھىيە XXبازىردا ئولتۇرۇشلۇق باXX، نۇXX، ئاXX، ھۆXX، ئەXX  قاتارلىقلارنىڭ جەمئى 372800يۈەن پۇلسنى ئالداپ ئېۋالغان. 

   يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاXXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىنى جازالاپ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. جاۋابكار ئاXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە يىنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار ئاXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز

    ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                          تەپتىش: مۆيدىن ئىبراھىم

                          پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت

                      2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخنامىسى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

 (2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top