شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت 1- بۆلۈم ج ئى ئە [2020] يىللىق 209 - نومۇر
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا ** ، ئەر، 1995– يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:******** 650131995 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى ** يولى غەربىي **- كوچا **- نومۇر قۇشۇمچە **- نومۇر، تۇتۇلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى ** يولى ** كوچىسى **- نومۇر **- ئىشىك **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا ** نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 2-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.
مەزكۇر دېلو 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى 1-قېتىم تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش ۋاقتى 15 كۈن ئۇزارتىلدى، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى 1- قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى. 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورۇن تولۇقلاپ تەقىقلەپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئا ** 2020– يىلى 6– ئاينىڭ4– كۈنى سائەت 19 لەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونى ** يولى ئۈرۈمچى شەھەرلىك **-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلدا، باشقىلارغا قارا رەڭلىك سۇلىياۋ خالتىغا ئورالغان 47.46 گرام ئىغىرلىقتىكى زەھەرلىك بويۇم ناتاشانى 4000 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زەھەرلىك بويۇم قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تالونى، قايتۇرۇپ بېرىش تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ؛
(2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇمنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ [2020] 202-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛
(3) ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى، زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى، بارماق ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر؛
(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئا **نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن زەھەرلىك بويۇمنى ئېلىپ–ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىدىن «زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ–سېتىش» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: دولەت چاغاتاي
تەپتىش ياردەمچىىسى : سەيپىدىن ئابدىرھېم
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1)جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا.
(2)تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام، 4 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلش مەسئۇلىيەتنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论