شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى ب. ت. ج 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020 ) 35- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئاXX ،ئەر ، ئۇيغۇر ، 1999-يىلى Xئاينىڭ Xكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرىXXXXXXXX6528011999 ، تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيسىگە ئىگە ،مۇقىم كەسپى يۇق، نۇپۇستا تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھىرىX يېزا X كەنت Xگۇرۇپپا Xنۇمۇر ، قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھىرىXئولتۇراق رايون Xبىنا Xكورپۇس Xئۆي،بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار شى،XXئەر ،ئۇيغۇر،1998-يىلىX-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومىرىXXXXXXXX:6528011998،تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق، نۇپۇستا تۇرۇشلۇق ئادېرىسى :شىنجاڭ كورلا شەھىرىX يېزا X كەنىت Xگۇرۇپپا Xنۇمۇر ، قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى :شىنجاڭ كورلا شەھىرىXئولتۇراق رايونXبىناXكورۇپپۇس X-ئۆي ،بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار ئا ،XX شىXX 2020 - يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان،شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان .
باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئا ،XX شىXXنىڭ زەھەر ئېلىپ سېتىش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى8-ئاينىڭ 27-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۇش بىلەن بىرگە جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرشىنى يەتكۈزۈپ ۋە جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە: 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21:30 ئۆتكەندە ،جاۋاپكار ئاXX بىلەن شى،XX ي XX گە زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشا سېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە كورلا شەھەرلىك دۆلەت قۇرۇلۇش يولى جىياڭ نەنچىڭ ئائىلىكلەر ئولتوراق رايونى ئەتىراپىغا كەلگەندىن كېيىن ،جاۋاپكار شېXX ئۈندىدار ئارقىلىق يXX بىلەن ئالاقىلىشپ سائەت 21:55 ئۆتكەندە، ي XX ئۆزىنىڭ yusup02122 نومۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكارشېXXنىڭ kurlla نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا 300يۈەن زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشا ئالدىغان پۇلىنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن،جاۋاپكار شىXX پۇلنى تاپشۇرۋېلىپ، ئارقىدىن بۇ پۇلنىڭ ئىچىدىن 200 يۈەن پۇلنى جاۋاپكار ئاXXنىڭ A-G0517 نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى يولنىڭ قارشى تەرپىدە جاۋاپكار ئاXXنى ساقلاپ تۇرغان، چۇشتىن كىيىن سائەت 22 دە ،جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز جىياڭ نەنچىڭ ئولتوراق رايونى ئالدىدىكى راۋاق بار جايغا كېلىپ، مە )XXئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۆزىنىڭ A-G0517 نومۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق زەھەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەXXنىڭ Mxz0319m نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا 200يۈەن پۇلنى قىزىل بولاق قىلىپ ئېتىپ بېرىپ ، مەXXدىن بىر بولاق زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشانى سېتىۋالغاندىن كېيىن، جاۋاپكار ئاXXبىلەن شىXX زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشانى ئېلىپ كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ،چۇشتىن سائەت 22:27 ئۆتكەندە، كورلا شەھەرلىك تېكچى ساقچىخانىسى يېنىدىكى جيۇ دىڭ مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرى ئالدىدىكى يول ياقسىغا كېلىپ ، يXX بىلەن كۆرۈشۈپ ، جاۋاپكار شېXXسېتىۋالغان زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشانىڭ بىرقىسمىنى يXX نىڭ قولىغا بەرگەندە، ساقچىلار تەرپىدىن زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا بىلەن بىرگە قولغا چۈشگەن، قانۇن بۇيىچە ئېغىرلىقنى ئۆلچىگەندىن كىيىن ، ئۇمۇمىي ساپ ئېغىرلىقى 0.39 گىرام بۇلۇپ چىققان .
يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات،ماددى ئىسپات گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،باھالاش پىكرى، ئىنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئاXX بىلەن شىXX پۇل تېپىش مەقسىتىدە 0.39 گىرام زەھەرلىك چىكىملىك سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ساتقان قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› نىڭ 347-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك.جاۋاپكار ئاXX بىلەن شىXX ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ›› نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . شۇڭا مەھكىمىمىڭىزلارنىڭ جاۋاپكار ئاXX بىلەن شىXXگە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 347- ماددىسى 25- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۇم قىلىشىڭىزلەر ئۇچۇن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم
گۇلزىرە ئىمام
2020-يىلى8- ئاينىڭ 27- كۇنى
قوشۇمچە :
1. جاۋاپكار ئاXX بىلەن شىXXت ھازىر باغراش ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2. ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى2جىلىد بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论