شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 251-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: ھاXX ، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ، كىملىك نومۇرى : X 375****** 65212219 ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن : پىچان ناھىيە ** ** يۇلى **** ئولتۇراق رايونى ** بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆي،ھازىرقى ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق ئورنى:پىچان ناھىيلىك **** ئىدارىسى **** ياتىقى،ئالىي تىخنىكوم مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى ، پىچان ناھىيە *** بازارلىق **** بۇغالتىرى (****-يىلى**-ئايدىن ھازىرغىچە پىچان ناھىيلىك **** كۇمىتىتىنىڭ *** ۋەزىپىسىنى ئۈتەپ كەلگەن)، ئىلگىرى جازالانمىغان. خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى4-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانون بۇيىچە قولغا ئىلىنغان ،يۇقۇملۇق كېسەل ئالاھىدە مەزگىلى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغىلى بولماي ،شۇ كۈنى مەجبورلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك رېۋىزىيە كۇمىتېتى جاۋابكار ھاXXنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق .
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ،جاۋاپكار ھاXX پىچان ناھىيە **** مۇلازىمەت مەركىزىدىن 1تۈمەن يۈەن قەرىز ئىلىش ئۈچۈن ، پىچان ناھىيە ****مۇلازىمەت مەركىزى مەسئولى زXXنى ئىزدەپ 1تۈمەن يۈەن قەرىز پۇل تالونىغا ئىمزاسىنى قويغۇزغان ، جاۋاپكار ھاXX پىچان ناھىيە **** مۇلازىمەت مەركىزى بۇغالتىرى ماXXكە: «خەت سەت بولسا بانكا قۇبۇل قىلمايدۇ »دىگەننى باھانە قىلىپ ،بۇغالتىر ماXXتىن قۇرۇق چىقىم قىلىش پۇل چېكىنى ئىلۋالغان ھەمدە شۇ كۈنى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇق چىقىم قىلىش پۇل چېكىگە مالىيە تامغىسى باستۇرۋىلىپ ،چەك ئۈستىدىكى 10000 (ئون مىڭ) يۈەن پۇل سوممىسى ئالدىغا ئەرەپچە 2رەقىمىنى قۇشۇپ يېزىپ ،چوڭ يېزىقتا يېزىلدىغان قىسمىغا خەت بىلەن يىگىرمە بىر تۈمەن يۈەن دىگەن خەتنى يېزىپ چىقىم قىلىش پۇل چېكىنىڭ سوممىسىنى 21تۈمەن يۈەنگە ئۆزگەرتىكەن ،ئارقىدىن پىچان ناھىيلىك ئامانەت قەرىز كوپراتىپى بانكىسىغا بېرىپ 21تۈمەن يۈەن ئومومنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئىلۋىلىپ (بۇنىڭ ئىچىدە 1تۈمەن يۈەن قەرىز ئالغان پۇل)، ئۆزىنىڭ ئامانەت قەرىز كوپراتىپى بانكا ھېساباتىغا كىرگۈزگەن ،جاۋاپكار ھاXX خىيانەت قىلىپ ئىلۋالغان 20تۈمەن يۈەن پۇلنىڭ بىرقىسمىنى ئىناۋەتلىك بانكا كارتىسىدىكى قەرىز پۇلنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ،بىر قسمىنى توردىن لاتارىيە بېلىتى سىتۋىلىشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن .2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جاۋاپكار ھاXX ئۆزلىكىدىن پىچان ناھىيلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كۇمىتىتىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان .(جاۋاپكار ھارام پۇلنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بولدى).
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. بانكا ھېسابات تەپسىلىي خاتىرسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ھاXXنىڭ دۆلەتنىڭ قانون تۈزۈملېرىنى كۆزگە ئىلماي ،دۆلەت خىزمەتچى خادىمى تۇرۇقلۇق ، ،خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ،ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئۇمومنىڭ 20تۈمەن يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 382-ماددىسى ، 383 -ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ 2-تۈرىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ھاXX دېلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ،جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى ،3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ .مەھكىمىمىز جاۋاپكار ھاXXغا مۇددەتلىك 2يىلدىن 3يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش ،قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ .
جاۋاپكار ھاXXنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى5-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار ھاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:.
2. رېۋىزىيە كۇمېتىتى دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە ئۇيغۇرچە 10 نۇسخا ،خەنزۇچە 6نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،سىن دېسكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论