شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 332-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 37 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : XXXXXXXX6529011982، ئالى مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە ( ئاسپىرانىت )، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى XX رايونى XX يولى XX نۇمۇر XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2020- يىل 1- ئاينىڭ 24- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (2020) 159-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئا -2019 XXيىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا قانۇنسىز پايدىغا ئىرىشىش مەقسىتىدە، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا XX كەنىت ۋە XX كەنىتتىن دېھقانلار تېرىغان شىندۇڭ 22- نۇمۇرلۇق ئۇرۇق ئەمەس باشقا ئۇرۇقنى دورىلاش ماشىنىسىدا دورىلىتىپ ئوخشىتىپ ياسالغان شىندۇڭ 22- نۇمۇرلۇق ئۇرۇق خالتىسىغا قاچىلىتىپ XX بازىرىدا يېزا ئىگىلىك ۋاستىلىرىنى سېتىش دۇكىنى ئاچىدىغان زىيانلانغۇچىXX بىلەنXXغا شىندۇڭ 22- نۇمۇرلۇق ئۇرۇق قىلىپ كۆرسىتىپ XXغا 7 توننا،XXغا 10 توننا ئۇرۇقنى 4.3 يۈەندىن جەمئىي 73100 يۈەنگە ساتقان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 140-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ناچار مەھسۇلات سېتىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئاXXنىڭ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئاXXنى ناچار مەھسۇلات سېتىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
تەپتىش : ئېرپانجان ھامۇت
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋابكار ئاXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، تۆت توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论