شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 244– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1.جاۋابكارئا**،ئەر،ئۇيغۇر،**ياش،**-يىلى**-ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومېرى: 0038**652925، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،تىجارەتچى،** ناھىسىدىن، ** ئىجتىمائى رايۇن ** يۇلى **-رايۇن **- نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق،2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى زەخمىلەندۇرۇش (يەڭگىل) قىلمىشى بىلەن توقسۇ ناھىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن 3000 يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىلگەن، 2015- يىلى8-ئاينىڭ28-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم چەككەن،ساقلىغان قىلمىشى ئۇچۇن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن 15 كۇن مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان،2019-يىلى11-ئاينىڭ2-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ئېلىپ-سېتىش جىنايەت گۇمانى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
2.جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر،**ياش، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومېرى: 1031**652925، تولۇقسىز ئوتتورا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئامانلىق قوغدىغۇچى، ** ناھىيىسىدىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-نۇمۇر،ھازىرقى ئولتۇرغى**بازار ** ئولتۇراق رايۇنى **رايۇن **-بىنا**-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى11-ئاينىڭ2-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ئېلىپ-سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
جاۋابكار ئا**،ئە**لارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ئېلىپ-سېتىش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى(2020)107-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن،جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارلارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دۇجۇرنى ئادۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دىلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۇردۇق.قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ت**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۇنى سائەت 19:00دا، جاۋابكار ئە**غا تىلغۇن قىلىپ زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى دىگەن،جاۋابكار ئە**، ت**نغا زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، ئىككىسى توقسۇ بازاردا كۇرۇشۇپ،جاۋابكار ئە**، ت** بەرگەن 2000يۇەن نەق پۇلنى ئېلىپ، جاۋابكار ئا**بىلەن تىلغۇندا ئالاقىلاشقان،ئاندىن بىرگە ئا**نىڭ ئۇيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىر بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى 450يۇەندىن دىيىشىپ، جاۋابكارئە** ،جاۋابكار ئا**غا 4بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)غا 1800يۇەن پۇل بەرگەن، قالغان 200يۇەننى ئۇزى ئېلىپ قالغان.
جاۋابكار ئا**، جاۋابكار ئە** بەرگەن 1800يۇەن نەق پۇلنى ئېلىپ، ئۇيىدىن ئاق رەڭلىك خاشوغا ئورالغان 4بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى بەرگەن، جاۋابكار ئە** 4بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى ئېلىپ، ئۆيگە بېرىپ، بىر بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى ئۇزى ئېلىپ قىلىپ، قالغان 3بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى 4بولاق قىلىپ قەغەرگە ئوراپ، تۇرغۇن ياسىن بىلەن توقسۇ ناھىيلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېنىدىكى يولدا كۇرۇشۇپ،5.07گىرام مىقتاردىكى 4بولاق زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا)نى بېرىپ قايتىپ ماڭغان ۋاقىتتا توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا چوڭ ئەترىتى ساقچىللىرى تەرپىدىن تۇتۇلغان، جاۋابكار ئە**نىڭ ئۇيىدىن 1.05گىرام مىقتاردىكى زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ۋە 200 يۇەن نەق پۇل بىلەن قولغا چۇشكەن، جاۋابكار ئا**نىڭ ئۇيىدىن 0.32گىرام زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ۋە 1800 يۇئەن نەق پۇل بىلەن قولغا چۈشكەن.
جاۋابكار ئا** باشقىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى پاش قىلىپ خىزمەت كورسەتكەن.
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىڭلاش ئارقىلىق،ئا** ئە**غا سېتىپ بەرگەن 4 بولاق گۇمانلىق بۇيۇم(ناتاشا) نىڭ ئورالغان سۇليوۋ قاپلىرىنى چىقىرۋېتىپ جىڭلىغاندا ت**نىڭ يېنىدىن تېپىلغان توت بولاق ناتاشا 5.07 گىرام،جاۋابكار ئە**نىڭ ئويىدىن تېپىلغان بىر بولاق ناتاشا 1.05گىرام،جاۋابكار ئا**نىڭ ئۇيىدىن تېپىلغان بىر بولاق ناتاشا 0.32گىرام بۇلۇپ جەمى تېپىلغان زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) نىڭ ئېغىرلىقى 6.44گىرام كەلگەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتنى باھالاش ئورنىنىڭ [2019]104-نۇمۇرلۇق باھالاش دوكىلاتىدا: باھالاشقا ئەۋەتىلگەن بۇيۇم 3,3二甲基-2-【1-(5-氟戊基)吲唑-3-甲酰氨基】丁酸甲酯(即5F-ADB)) ناتاشا دەپ باھالانغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى،باھالاشنامە، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۇن-سىن ماتىريالى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.دىلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكارلار ئوزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ،جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز جاۋابكار ئا**،ئە**لارنىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىندۇ.جاۋابكار ئا**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددا 1-تارماق،4-تارماق،25-ماددا،67-ماددا 3-تارماق،68-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە،جاۋابكار ئە**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددا 1-تارماق4-تارماق،25-ماددا،67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋابكار ئا**،ئە** لارغا مۇددەتلىك 8ئايلىق قاماق جازاسى،قۇشۇمچە 2000 يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئولچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
تەپتىش : گۈلەم تاش
2020-يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى
قۇشۇمچە :① جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ② 2توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 3› 13 پارچە ئەيىپلەشنامە،جاۋابكارلارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论