欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿莫莫危险驾驶罪一案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

    ئەيىبنامىسى

ئا ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش [2020] 439-نومۇرلۇق 

xxشەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى xxxxxxxx6529011996، xx شەھەر ئايكۆل بازار 7-كەنت 5-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىxx شەھەرلىك جامائەت خەۋىپىسزلىكى ئىدارىسى تەرىپدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

xx شەھەرلىك جامائەت خەۋىپىسزلىكى ئىدارىسى جاۋابكارxx خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى، 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار xx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 01:50 لەر ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن،xxشەھەر xx بازار 9-كەنتتىكى ئەلنەغمە رېستۇرانىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، xx شەھەرxx بازار 8-كەنت يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ئېلىپ بىرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىقxx ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 104.56 مىللىگىرام چىققان بولۇپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار xx يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار xx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار xx خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، كېچىكتۈرۈش، قوشۇمچە 3000 يۈەن شىتىراف قويۇش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : xx

                        مۇۋەققەت تەپتىش : xx

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13779831482، 13779799179

   2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

                                         

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top