شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 391-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا XX ، ئايال، ئۇيغۇر، 20 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011999، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايونى XXبىنا XXكۇرپۇسXXنۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى (2020) 375-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئا - 2019 XX يىل- 12ئاينىڭ- 27كۈنى ۋە -2019يىل -12ئاينىڭ- 29كۈنى زىيانلانغۇچى زxxنىڭ ئاقسۇ شەھەرXX ئولتۇراق رايون XX بىنا XX ئىشىك XX نۇمۇرلۇق ئۆيدە تۇرۇش جەريانىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى زxx ئۆيدە يوق پۇرسەتتىن پادىلىنىپ ئىككى قېتىمدا زىيانلانغۇچى زxxنىڭ ياتاق ئۆينىڭ كىيىم ئىشكاپىغا قۇيۇپ قويغان 1785 يۈەن قىممىتىدىكى 5.58 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ۋە 14.80 گىراملىق 4736 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تال بۇلاپكىلىق ئالتۇن زەنجىرنى ئوغۇرلاپ سېتىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئا XX نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئا XX نىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار XX شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسقا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论