شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2021) 87- نومۇرلۇق
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار شۆ****، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292619********، باي ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى بۇ دېلونى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (2021) 61-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار شۆ**** 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 1:00 لەر ئەتىراپىدا، مەس ھالەتتە ئۆزىنىڭ نامىدىكى ۋە ئىگىدارلىقىدىكى 新N**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى ** ناھىيە ** يولىدىن ھەيدەپ چىقىپ ** ئاپتۇمبىل بىزەش مەركىزى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي بۇيۇم ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى (2020) 5879-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «شۆ****نىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگۇل بايقالدى، ھەر 100مىللىلتىر قاندىكى ئالكوگىل مىقدارى 127.70 مىللگىرام » دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقىرارى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار شۆ****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولىدا مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، بۇ جىنايەتكە قانۇندا بەلگلەنگەن جازا بولسا «تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شتىراف قويۇش جازاسى بېرىش» تىن ئىبارەت، جاۋابكارغا جازا ئۆلچەشتە، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى،ئىلگىرى مەس ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەمۇرى جەھەتتىن جازالانغانلىقىنى، قان سۇيۇقلۇقىدا بايقالغان ئالكوگول مىقدارى، مەس ھەلەتتە ھەيدىگەن ئاپتۇمبلىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىل ئىكەنلىكى، ئاپتۇمبلىنى مەس ھەلەتتە ھەيدىگەن يول شارائىتى ۋە ھەيدەش ئارلىقى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسى ۋە «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنستىرلىكىنىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرشىتە قانۇننى تەدبىقلاش جەھەتتىكى بىر قانچە مەسلە ھەققىدىكى پىكرى» نىڭ 1-تارماق 1-، 2-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار شۆ***** 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 2000.00 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: مەردان ئىمىن
2021–يىلى 2–ئاينىڭ 4–كۈنى
پۈتۈكچى: زەينۇرە توختى
1) 1 توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 نۇسخا تېز كېسىم تەرتىپى قوللىنىش تەكىلىپنامىسى، 1 نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى، 3 دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە (تېلفۇن نۇمىرى:*********)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论