欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(鲁某某的诈骗罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕284号 

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

                                                                       ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)  -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار لوxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، xx ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى xxناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپپا xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيىسگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار لوxxىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. ئارلىقتا دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھىققلەشكە قايتۇرۇلدى. دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى.

            مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار لوxx قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈندىن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئىسمى: xx، ئۈندىدار نومۇرى: xx دېگەن ئۈندىدارى بىلەن، ئۈندىدار ئىسمى xx، ئۈندىدار نومۇرى: xx دېگەن ئۈندىدارى ئارقىلىق، ھەر قايسى ئۈندىدار توپلىرىغا، ئۈندىدار سالۇنىغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە «ھەر خىل تىپتىكى تېلفۇنلارنى ئەرزان باھادا سېتىش توغرىسدا» ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق، باشقىلارنى ئۈزىگە قىزىقتۇرۇپ، 25 قېتىمدا زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ 6020.00 (ئالتە مىڭ يىگىرمە يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى نۇxxنىڭ 780.00 (يەتتە يۈز سەكسەن يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ 750.00 (يەتتە يۈز ئەللىك يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ 1300.00 (بىر مىڭ ئۈچ يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى مۇxxنىڭ 4330.00 (تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ 1400.00 (بىر مىڭ تۆت يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئوxxنىڭ 1200.00 (بىر مىڭ ئېككى يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ  1400.00 (بىر مىڭ تۆت يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى رۇxxنىڭ 800.00 (سەككىز يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ 1100.00 (بىر مىڭ بىر يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى شەxxنىڭ 1000.00 (مىڭ يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى نۇxxنىڭ 450.00 (تۆت يۈز ئەللىك يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ 630.00 (ئالتە يۈز ئوتتۇز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى قۇxxنىڭ 1399.00 (بىر مىڭ ئۈچ يۈز توقسان توققۇز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى يۈxxنىڭ 1550.00 (بىر مىڭ بەش يۈز ئەللىك يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى رۇxxنىڭ 1500.00 (بىر مىڭ بەش يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ 450.00 (تۆت يۈز ئەللىك يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى رۇxxنىڭ 1899.00 (بىر مىڭ سەككىز يۈز توقسان توققۇز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ 900.00 (توققۇز يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى سۇxxنىڭ 750.00 (يەتتە يۈز ئەللىك يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى باxxنىڭ 800.00 (سەككىز يۈز يۈەن) يۈەن، زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ 6800 (ئالتە مىڭ سەككىز يۈز يۈەن) يۈەن بۇلۇپ، جەمئى 22 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 37208 (ئوتتۇز يەتتە مىڭ ئىككى يۈز سەككىز يۈەن) يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار لوxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار لوxxنىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە ساقتا پاكىت ئويدۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىمجان ئىمامنىياز

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top