欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某、吐某某涉嫌盗窃罪一案)

2021-09-20 独角龙 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ   

ئەيىبلەشنامىسى

  

                        ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020)620-نۇمۇرلۇق           جاۋاپكار مXX،ئەر،1986-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6541011986،ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:غۇلجا شەھەر XX يىزا كوچاXX-نۇمۇر،كورلا شەھىرىدە مۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق،2016-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۇنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك تۆت يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۇنى  كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىپ قۇيۇلغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋاپكار تXX،ئەر،1993-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: 6528231993XXXXXXXX ،ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ كورلا شەھىرىXX بازارXX كەنىتXX-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئورنى:كورلا شەھەر-XXئولتۇراق رايۇن XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇر،2016-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۇنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك بىر يىل سەككىز ئايلىق  قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىپ قۇيۇلغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

  كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۇنى جاۋابكارلارنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

  1. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 18:20لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار مXX ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەر ئالتۇن ئۇچ بۇرجەك سودا بازىرى XX سودا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئايلىنىپ،ئىككىنچى قەۋەت توكلۇق پەلەمپەيلىك لىفىتىدا،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پىن XXنىڭ توكلۇق پەلەنپەيدىن چۇشۇپ كېتىۋېتىش جەريانىدا،دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پىن XXنىڭ چاپىنىڭ سول تەرەپ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان ئالما ماركىلىق  6PLUS تىپلىق يان تېلفۇننى ئوغۇرلاپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.                                                                     

كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ (2019) 224-نۇمۇرلۇق   دىلوغاچىتىشلىق بۇيۇملار باھاسىنى دەلىللەش يەكۇنىدە : ئوغۇرلانغان بىردانە ئالما ماركىلىق ماركىلىق 6PLOUS تىپلىق يان تىلفۇننىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۇنىدىكى قىممىتىنى 650 يۈەن دەپ بېكىتكەن.                                     

1.​ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار مXX بىلەن تXX كورلا شەھەر XX سودا سارىيىنىڭ ئۇچىنچى قەۋىتىدە،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساۋ XXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساۋ XXنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىكى بىردانەOPPO ماركىلىق A83 تىپلىق يان تىلفۇننى  ئوغۇرلاپ قىچىپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ مال يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ (2019) 225-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملار  باھاسىنى دەلىللەش يەكۇنىدە: ئوغۇرلانغان بىردانە OPPO ماركىلىق A83 تىپلىق يان تىلفۇننىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنىدىكى قىممىتىنى 350 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

1.​ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:30لار ئەتراپىدا،جاۋاپكار مXX بىلەن تXX كورلا شەھەر XX سودا بازىرى XX تاللا بازىرىدا نەرسە كىرەك سىتىۋىلىش جەريانىدا،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جا XXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جا XXنىڭ ئوڭ يانچۇقىدىكى بىردانە vivoماركىلىق Y66تىپلىق يان تېلفۇننى  ئوغۇرلاپ قىچىپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ (2019) 223-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملار  باھاسىنى دەلىللەش يەكۇنىدە:ئوغۇرلانغان بىردانە VIVO ماركىلىق Y66 تىپلىق يان تىلفۇننىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنىدىكى قىممىتىنى 250 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

جاۋابكارلارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكارمXX،تXXئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ :جاۋابكار مXX بىلەن تXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ،بىرلىشىپ ئىككى قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ باشقىلارنىڭ 700يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى،جىنايەت گۇماندارى مXXنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ،باشقىلارنىڭ 650يۇەن قىممىتىدىكى مال–مۈلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى،25-ماددىسىدىكى بەلگىىمىسىگە خىلاپ.جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار مXX بىلەن تXX تەكرار جىنايەت سادىر قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە تەكرار جىنايەتچى ھىسابلىنىدۇ.ئىغىر جازا بىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن.شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكار مXX بىلەن تXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.  

ھۆرمەت بىلەن : 

                            كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە       

 

 تەپتىش:ھاۋاگۇل توختى

      2020-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى     

ئەسكەرتىش : 

 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2توپلام،13 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى . 

(2) جاۋاپكارلار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top