乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕88号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2021) 88 -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىىگە:
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى XX-ئاينىڭXX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XX6529271990، شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX بازىرى XX-كەنىت 1-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋەكالەتچىسى ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مXX 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئاXX، ئاXX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، شۇ كۈنى سائەت 20:48 لەر ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى新NC9V49نۇمۇر تاختىلىق ئاپتۇموبىلنى ئۇچتۇرپان ناھىيە XX بازىرى XX-كەنىت 1-مەھەللە يول بۆلىكىدە شەرقتىن- غەرىپ يۈنىلىشىگە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ئەXXقارشى يۆنىلىشتە ھەيدەپ كىلىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئەXX ئېغىر ) 2-دەرىجە) زەخمىلەنگەن.
ھادىسىدىن كېيىن جاۋابكار مXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXبىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تۆلەم تۈلەپ، دىلونىڭ ھەق-تەلەپ قىسمىنى ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتۇرغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا «مXX يۇقارقى ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەXX يۇقارقى ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بېكىتكەن.
باھالاش پىكرىدە « مXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىن 134.31مىللىگىرام ئىسپىرىت تەكشۈرۈپ چىقىلدى » دەپ يەكۈن چىقارغان.
قانۇن دوختۇرىنىڭ زەخمە باھالاش يەكۈنىدە « باھالانغۇچى ئەXXنىڭ زەخمىسى ئېغىر زەخمە 2-دەرىجە» دەپ بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، قانۇن دوختۇرىنىڭ زەخمە باھالاش يەكۈنى، ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. قاتناش تىرانسىپورىت بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى
تەپتىش: ئابلەت تۇنياز
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخا سوتقا يوللاندى.
(2)جاۋابكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن، ھازىرئائىلىسىدە، تېلفۇن نۇمۇرى: 1589936XXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论